- تىزىملاتقان
- 2011-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6674
- نادىر
- 0
- يازما
- 293
ئۆسۈش
  33.48%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdul-ahad تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-3 23:08
ئەسسالام باغداش ئەھلى، قېرىنداشلار، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
بۈگۈن تۇنجى قېتىم «چىن مودەن» دراممىسىدىن ئارىيەنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ نەق مەيداندا تۇرۇپ كۆرەلمىگەنلىكىمگە مىڭ ئەپسۇسلاندىم. ئارىيە گەرچە قىسقا بولسىمۇ، بەك تەسىرلىك كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلىپ كىرىشتۈرۈپ قويدىمۇ قانداق، شۇ ئازغىنە كۆرۈنۈشنى قايتا-قايتا كۆردۈم ۋە شۇنداقتىمۇ ئاشۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈش، مۇڭلۇق كۈيلەرگە ھېچبىر قانىدىغاندەك ئەمەس، كېيىنچىرەك نەق مەيداندىن كۆرىدىغانغا پۇرسەتمۇ بولۇپ قالار، ئاللاھ خالىسا...
گەرچە دىراممىنى تولۇق كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ، تاماشىبىنلار ۋە باشقا دىراممىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان تورداشلارنىڭ باھاسىدىن، دىراممىنىڭ ھەقىقەتەن مۇۋاپىقىيەتلىك ئورۇندالغانلىقىنى ھېس قىلدىم، شۇڭا دىراممىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن رېژىسسور، ئارتىست ۋە باشقا بارلىق خىزمەتچى خادىملارغا ئاددى بىر باغداش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن چىن دىلىمدىن تەشەككۈر بىلدۈرىمەن، خىزمىتىڭلارغا تېخىمۇ زور نەتىجە ۋە ئۇتۇقلار تىلەيمەن، جاپالىق ئەمگىكىڭلار ئارقىلىق خەلقىمىزگە نادىر بىر ئەسەر سوۋغا قىلغىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!
ئاخىرىدا، دىراممىنى تېخىمۇ كۆپ شەھەر، يۇرتلاردا ئويناش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ خەلقىمىزنىڭ بۇ نادىر ئەسەردىن بەھىرلىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن، تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا بۇ ئەسەر يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوخشاشلا ئالقىشقا ئېرىشكۈسى! |
|