- تىزىملاتقان
- 2012-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2143
- نادىر
- 0
- يازما
- 154
ئۆسۈش
  4.77%
|
ئۇيغۇرلاردا مىليادىر يوق، دۇنيا بايلىرىنى فۇربىس ئېلان قىلدى، جۇڭگو بايلىرىنى خۇرىن ھەر يىلى ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ. ئاشۇلارنىڭ ئېلان قىلغىنى تامامەن ئىشەنچىلىك. سامانلىققا بىر مىلياد پۇلنى يۇشۇرۇپ قويغان ئادەم ھەرگىز مىليادىر ھىسابلانمايدۇ. بىل گايتىس 60 مىليارد تىن ئارتۇق مەغلىغىدىن پەرزەنتلىرىگە پەقەت 100 مىليوننى مىراس قالدۇرۇپ باشقا بارلىق بايلىقىنى جەمئىيەتكە ئىئانە قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ باللىرىغا قالدۇرماقچى بولغان پۇلى ئومۇمى بايلىقىنىڭ ئىنتايىن كىچىك، تىلغا ئالغۇسىز بىر قىسمى خالاس. ئۇنىڭدىن باشقا گيتىس فوندى جەمىيىتى ھەر يىلى نەچچە مىليارد پۇلنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىۋاتىدۇ، ياردەم قىلىۋاتىدۇ،ئۇنىڭ بەرگىنى 40 تەڭگىگە بىر تەڭگىدىن ھېسابلىنىدىغان ئۆشرە- زاكاتتىن جىق كۆپ. گيتىستەك ھەتتا ياخشى ئىشلىرى ئۇنى بېسىپ چۈشكىدەك بايلار ناھايىتى نۇرغۇن. مىليادىرلارنىڭ نەزەرىدە پۇل قەغەزدىن ئىبارەت. بىزدىن پەقەت 20- ئەسىرنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىدا بىر ئىككى باي چىقىپ باققان.ھازىر ئاساسەن يوق. باينىڭ خۇۋەينىسى ھېسابلىنىدىغان مىليادىر دېگەن ئادەملەرغۇ قەتئىي يوق. بىز باي دەپ ئويلايدىغان،تېخىچە 4-5 خوتۇن، ئىسىل داچا، قىممەت باھالىق كىيىم كېچەك، داڭلىق ماركىلىق ماشىنا ،ئىسىل يىمەكلىك دېگەندەكلەرنىڭ كويىدا يۈرگەن ئئۇ كىشىلەرنى دۇنيانىڭ ۋە بىزنىڭ «باي» ئۆلچىمىمزگە سېلىشتۇرغاندە پەرق ئاسمان بىلەن زىمىندەك. ئەلۋەتتە مىليادىر بولمىسىمۇ شۇنىڭغا يېقىنلىشىۋاتقان ،ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتقان، ئويلاۋاتقانلارمۇ بار.بىراق ھەقىقى ئىراپ قىلىنغانلىرى يوقتە. خۇرۇن ئېلان قىلغان بايلار تىزىملىكىدا شىنجاڭدىن 6 مىليادىر بار ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر يوق. مەيلى نۇپۇزلۇق باھالاش ئاپپاراتلىرى بولسۇن مەيلى ئادەتتىكى خەلق بولسۇن، ئۇيغۇردا مىليادىر بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىدى. ۇستىدە بىرسى دېگەندەك باجدىن قورقۇپ بايلىقى مەلۇم قىلمىغان مىليادىر بار بولغان تەقدىردە ساپاسى شۇنچىلىك ئادەمنى قانداقمۇ مىليادىر دىگىلى بولسۇن. يىغىپ ئېيتقاندا بىزدە مىليادىر بولۇشمۇ بەك تەس، ھەم مىليادىر بۇلالىغانلارمۇ يوق. |
|