- تىزىملاتقان
- 2011-11-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6115
- نادىر
- 0
- يازما
- 243
ئۆسۈش
  22.3%
|
كىم ئۇيغۇر بايلىرىنى بىكىنمە دەيدۇ؟
يېقىنقى بىر قانچە ئەسىرلىك تارىخىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق ھاكىمىيەتلەرنىڭ تۈرلۈك سىياسىي نەيرەڭلىرى تۈپەيلى ئۇيغۇر بايلىرىمىزنىڭ نەچچە ئەۋلات تىرىشپ - تىرمىشىپ،يىمەي - ئىچمەي يىغىپ توپلىغان مال - دۇنياسى بىر كېچىدىلا جۇسادى - مۇسادى بۇلۇپ كەتكەن تۇرسا، ئۇيغۇر بايلىرىمىز قانداقمۇ بايلىقىنى ئاشكارىلاپ چوڭ ئىشلارغا مەبلەغ سالالايدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ بېكىنمە بولۇۋېلىشىنىڭ ھەقىقى سەۋەبى. بىلىملىكلىرىمىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.
ئويلاپ باقايلى شىڭشىسەي 1933 - يىلىدىن 1944 - يىلىغىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 11 يىل ئىچىدە قانچىلىك ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلدى ؟ ئۇيغۇرنىڭ قانچىلىك بايلىقنىى تالان - تاراج قىلدى؟
320 مىڭ ئۇيغۇر ئۆلتۈرۈلدى (ئانا يۇرت رۇمانىغا قاراڭ) بۇ سان ئەينى ۋاقتتىكى پۈتكۈل شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ ئازغىنە كەم 10% نى ئىگەللەيتى. بۇ 320 مىڭ ئادەم پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ بايلىرى،ئەڭ بىلىملىك زىيالىلىرى ئىدى،مىللەتنىڭ ئەڭ سەركىلىرى ئىدى.تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مانا مۇشۇنداق بۇران - چاپقۇنلار ئۇيغۇر بايلىرىنى، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى مانا مۇشۇنداق بېكىنمە قىلىپ قويدى. قايسى باي،قايسى زىيالى ئۆزمىللىتىگە نەپ يەتكۈزۈشنى ئويلىمايدۇ دەيسىلەر؟ |
|