- تىزىملاتقان
- 2012-12-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7251
- نادىر
- 0
- يازما
- 631
ئۆسۈش
  45.02%
|
مەن تۆۋەندىكى خام خيالىمنى دەپ باقاي:
پۇلنىڭ ئۆزى بەخت ئەمەس، لىكىن پۇل بىلەن بەخت ياراتقىلى بۇلىدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلغىلى بۇلىدۇ. ئادەم يالىڭاچ كەلگەن، يالىڭاچ كىتىدۇ.
ئەگەر مەن باي بولسام
1. چەتئەلگە چىقىپ ، مائارىپ، ئىگىلىك تىكلەش ،كارخانا باشقۇرۇش كەسپىنى ئۆگىنەتتىم. ياكى پەرزەنتلىرىمنى، ئىنى، سىڭىللىرىمنى بۇ كەسىپتە ئوقۇتاتتىم.
2. ئۆز دىيارىمغا كىلىپ ئەڭ ئەۋزەل، ياخشى ئۇرۇننى تاللاپ مەكتەپ(باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرامەكتەپلەر)نى قۇرۇپ چىقاتتىم ئالى مەكتەپنى ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملىغانلارنى ئۇقۇتقۇچىلىققا قۇبۇل قىلاتتىم.
3. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر يەردە سەرگەردان بۇلۇپ يۈرگەن يىتىم بالىلارنى تېپىپ بۇ مەكتەپكە قۇبۇل قىلاتتىم.
4.چوڭ كىچىك كارخانىلارنى قۇرۇپ، مەكتەپنى ئىقتىساد بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلاتتىم.
5. بۇ يىتىم بالىلارنى ئەڭ ياخشى مىللى مائارىپتىن بەھرىمان قىلىش بىلەن يەنە بىر نەچچە تۈرلۈك دەرسلىكلەرنى قوشاتتىم. مەسىلەن ئۆرپ- ئادەت-ئەخلاق تەربىيسى، پىسخىكا، ۋەتەن مىللەت تەربىيسى، ئىقتىساد تەربىيسى دىگەندەك.
6. ئوقۇش پۈتۈرۈپ ئالى مەكتەپكە ئۆتكەنلەرنى ھەقسىز ئوقۇتاتتىم. ئۆتەلمىگەنلەرنى كەسىپ بۇيىچە تەربىيلەپ كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇراتتىم.
ھەر جەھەتتە يىتىلگەن ئىقتىساس ئىگىللىرىنى تەربىيلەپ يۇرتىمىزنىڭ ھەر جايلىرىغا تارقىتىپ باشقىلارنى يىتەكلەشكە كۈچ چىقارغان بۇلاتتىم.
ھەي............ قاچانمۇ يىتەرلىك پۇل تاپالارمەن ھە؟؟؟؟؟ |
|