- تىزىملاتقان
- 2012-11-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5663
- نادىر
- 0
- يازما
- 546
ئۆسۈش
  13.26%
|
Zapar916 يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 00:03 
مەن مۇ مۇشۇ قاراشتا ، يىقىندىن بىرى ئۇيغۇرلاتىن ي ...
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىشنى باشلىدى. يىللاردىن بىرى يېزىقىمىزنىڭ ئىملاسى ئۆزگەرگەن بولسىمۇ ئىشلىتىلگەن ھەرپلەر ئۆزگەرمىدى. شۇڭا بۇ يېزىقتا يېزىلغان ماتېرىياللارنى ئازىراق ۋاقتىمىزنى چىقارساق ئۆگۈنەلەيمىز. بۇ يېزىققا مىڭ يىللىق ئەنئەنىمىز باغلانغان.
يېزىق ئۆزگەرتكەنگە تەرەققى قىلىدىغان ئىش يوق. قازاق، قىرغىز، تاتار، چېچەن، ئۆزبىك قاتارلىقلار چاغاتاي يېزىقىدىن كىرىلچە يېزىققا كۆچكەن ئىدى. ئۇلار قانچىلىك تەرەققى قىلىپ كەتتى؟ تۈركلەر يېزىق ئۆزگەرتتى. ئەمما ئۇلار ئوسمانلى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ماتېرىياللارنى تەرجىمانسىز كۆرۈپ چۈشۈنەلمەيدۇ. يەنى 623 يىللىق مەدەنىيەتتىن تەرجىمانسىز خەۋەردار بولالمايدۇ.
ئۆزىمىزنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. ھېلىغۇ يېزىق ئۆزگەرتىدىكەنمىز ئىسمىمىزنى، ئاتا- ئانىلىرىمىزنى، ياشاۋاتقان يېرىمىزنى ئۆزگەرتسەكمۇ يەنىلا بېرىمىز شۇ. |
|