- تىزىملاتقان
- 2013-3-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 620
- نادىر
- 0
- يازما
- 65
ئۆسۈش
24%
|
بىز ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا غايە، نىشان، ئارزۇ دېگەنلەردىن ھېچنەرسە بېرەلمەيۋاتىمىز-دە! بىر ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىپ بولۇپ قېشىمغا كىرىپتۇ. (يېقىن دوستۇمنىڭ ئىنىسى، ئۇ دوستۇم يۇرتىمىز قەشقەردىن يىراق بولغان ئاقچى ناھىيەسىدە ئىشلەيتتى) ئارزۇ توشقۇزۇشقا ياردەم قىلساڭ دەپ. سەن قايسى كەسىپنى تاللىماقچى؟ دېسەم قاراپ تۇرىدۇ. 12يىل ئوقۇپ نېمە ئۈچۈن، نېمىدە ئوقۇشنى بىلمەي قانداق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرەلىدىڭ؟ ... دېگەندەك بىر نەچچە سۇئالنى قويۇۋېتىپ ئاندىن كېيىن، ئۆزەڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان، ئەڭ ياخشى ئوقۇيالايدىغان كەسىپنى تاللا، شۇنداق قىلساڭ ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيالايسەن، ئۇنۋېرسال ساپايىڭنى ئاشۇرغىلىمۇ كۆپلەپ ۋاقتىڭ چىقىدۇ. دەرستىن سىرت ئىشلەپ ئىقتىسادىڭنىمۇ قامدىيالايسەن، كېيىن خىزمەت تاپمىقىڭ ئوڭاي بولىدۇ. دېگەندەك تەربىيلەرنى بېرىپ چىقىرىۋەتكەن ئىدىم. ماتىماتىما كەسپىنى تاللاپتىكەن. دېگەندەك دەسلەپكى يىلى تىل ئۆتكىلىدىن مۇۋاپپەققىيەتلىك ئۆتۈپ، قالغان يىللىرى كەسىپنى ئاسانلا ئىگەللەپلا قالماستىن، ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگىنىپ، ھەمدە ئوقۇشتىن سىرت ئىشلەپ (ئاشخانىدا قاچا يۇيۇپ، يۈك بېسىش ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ دېگەندەك....) ئۆزىنىڭ چىقىمىنى ئۆزى قامداپ، مۇۋەپپەققىيەتلىك ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئاخىرىدا ئۆزىمىزنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى نۇقتىلىق مەكتەپكە ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولدى. بىز ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا مۇشۇنداق تەربىيلەرنى ئاز تولا بېرلەلىسەك، غايە، نىشان تۇرغۇزىشىغا ياردەم قىلالىساق، خېلى ئىش قىلغان بولاتتۇق دەپ قارايمەن. |
|