- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2409
- نادىر
- 0
- يازما
- 188
ئۆسۈش
  13.63%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-18 15:16
بىزنىڭ مائارىپىمىز ئىنساننىڭ تەبىئىتىدىكى قىزىقىش،ھەۋەس دېگەنلەرنى بوغۇپ تاشلايدىغان مائارىپ.باللىرىمىز بالىلار باغچىسىدىن باشلاپ باشقىلار بېكىتىپ بەرگەن دەرسلەرنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر.شۇ ئۆگەنگەنچە 20يىل ئۆگىنىپ ئاندىن ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ چىقىدۇ. جۇڭگونىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بىلىم ئۆگىنىدىغان،ئىمتىھان بېرىشكە ئەڭ ماھىر ئوقۇغۇچىلار دىيىشكە بولىدۇ. لېكىن ئۆگەنگەنلىرىننىڭ %99 ئىى بىر ئۆمۈر كۆمۈلۈپ ياتىدۇ،ئىشلىتىدىغان يەر چىقماي ئۇنتۇپ كېتىلىدۇ.20 يىللىق مەكتەپ ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ،جەمئىيەتتە بىر بەت تونۇشتۇرۇش خېتى،ھەتتا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ماتىرىيالى يېزىش ئۈچۈنمۇ باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدىغانلار ئاز ئەمەس.
مائارىپ ئەسلىدە ئوقۇغۇچىلاردا باشقىلار تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان تەييار بىلىملەرنىلا ئۆگىنىش بىلەن چەكلەنمەي،تېخىمۇ موھىمى ئۆز ئالاھىدىلىگىنى جارى قىلدۇرۇپ،يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىدىغان جاسارەتنى پەيدا قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ تەربىيىلەپ چىقىۋاتقىنى باشقىلار يېتەكلىمىسە دۇم چۈشىدىغان كۆزى ساق «ئەمالار» دېيىشكە بولىدۇ. |
|