- تىزىملاتقان
- 2013-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5060
- نادىر
- 9
- يازما
- 129
ئۆسۈش
  1.2%
|
رىياسەتچى جۇلى بو نىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزىنى جۇڭگو مائارىپىنىڭ ئەڭ ياخشى يىغىنچاقلىنىشى دىيىشكە بۇلىدۇ « جۇڭگودا بالىلار باشلانغۇچتا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ ، تۇلۇقسىزدا قاتتىق تىرىشىدۇ ، تۇلۇق ئوتتۇردا ئوقۇشتىن بىزار بۇلىدۇ ، ئالىي مەكتەپتە ئوينايدۇ ئەمما چەتئەلدە بۇنىڭ ئەكسىچە باشلانغۇچتا قانغۇچە ئوينايدۇ ، تۇلۇقسىزدا ئوقۇشتىن بىزار بۇلىدۇ ، تۇلۇق ئوتتۇردا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىگەللەيدۇ ، ئالىي مەكتەپتە بولسا قاتتىق تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ »
باشلانغۇچنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلۇمنى مىسالغا ئالسام ماتىماتىكا دەرسىدىكى كەرەنى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا خەنچە يادلىتىپ ئۆگىتىپتۇ ، ئۆگەتكەندىمۇ ھەممىسىنى بىر كەرەدىن باشلاپ تېخى ، مەن ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ئاددى قىلىپ ئۆگىتىپ قويدۇم . ھەم قانونىيىتىنى يەنى كۆپەيتكۈچىلەرنىڭ ئورنى ئالماشسسا قىممەت ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ھەممىنى بىر كەرەدىن باشلاپ يادقا ئىلىشنىڭ ئورۇنسىزلىقىنى ئېيتتىم ، كىم بىلسۇن ئەتىسى ئوقوتقۇچىسى ئۇنىڭغا ئەگەر ئىمتىھاندا ئۇنتۇپ قالساڭ چاتاق بۇلىدۇ ، شۇڭا قائىدە بۇيىچە يادلايسەن دەپتۇ . مەن نىمە دىيىشمنى بىلمەي قالدىم ، قاچانغىچە خەنلەر چەتئەلنىڭكىنى بىز خەنلەرنىڭ مائارپ ئەندىزىسىنى ئۆرنەك قىلىپ ئۆتەرمىز ؟ باللىرىمىزنىڭ قىزىقىشى ، مىجەز خاراكتىرىمىز ، مىللى ئالاھىدىلىكىمىز بۇيىچە ئۆزىمىزگە خاس مائارپ ئەندىزىمىز قاچان بۇلار ؟ |
|