قېنى ،مۇنازىرە قىلىپ باقايلى
قاسىم سىدىق
مەن ئۇزەم ھەرخىل سەۋەپلەر تۇپەيلى ماتىماتىكا بىلمىگەنلىگىم ئۈچۈن شەكىل نەزەريىسى بىلەن ھەپىلىشىش جەريانىدا بۇنىڭ دەردىنى كۆپ تارىتتىم.كىشىلەر شۇ سەۋەپتىن مىنى ماتىماتىكىنىڭ رولىنى سەل چاغلايدىكەن دەپ ئويلاپ قالسا خاتالاشقان بولىدۇ.
تەبىئەت پەنلىرىدىلا ئەمەس ھەتتا ئىجتىمائى پەنلەرگىمۇ ماتىماتىكا مىتودلىرىنى قوللىنىش ھەققىدە قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانمەن.مەن ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچىغا ماتىماتىكىنى ياخشى ئۈگۈنۈش تەكلىۋىنى بېرىمەن.
لىكىن بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغىنىم ماتىماتىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەسىلە.ئۇ بولسىمۇ لوگىكىلىق ئىجادى ئوقۇم ۋەئىجادى ئىدىيە.
گەپنى قىسقىلا قىلاي، بىز ماتىماتىكىنى ياخشى ئۈگۈنۈشنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە،ماتىماتىكىنى تەنھا،ساپ ھالەتتە ھەممىگە قادىر دەپ قارىۋالساق بولمايدۇ.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا دۆلىتىمىز جۇڭگۇنىڭ ماتىماتىكا سەۋىيەسى ئامرىكىلىقلاردىن يۇقۇرى تۇرىدىكەن.لىكىن،تەبىئەت پەنلىرىدە نىمە ئۈچۈن ،جۇڭگۇنىڭ ئىجادىيەت،ئىختىرا نەتىجىلىرى ئامرىكىلىقلاردىن كىيىن تۇرىدۇ؟.بۇ پاكىت بىزنى ئويلاندۇرۇشى كىرەك.
بىز ماتىماتىكىنى ياخشى ئۆگۆنىشنى تەشەببۇس قىلغاندا لوگىكىلىق ئىدىيە ،ئۇقۇم سېستىمىسىنىڭ موھىملىغىنىمۇ تەكىتلىشىمىز،ھەرگىز بىرسىگە بەكمۇ جىددى قاراپ،بىرسىنى كەمسىتلىمەسلىگىمىز كېرەك.بۇ مىنىڭ شەكىل نەزەريسى سەۋەبىدىن يىگەن كالتەكلىرىمنىڭ ئاچچىغىدىن چىقىۋاتقان گەپ ئەمەس.ئەستايىدىل،خالىس گەپ.
بۇ گەپنىڭ توغرا -خاتالىغىنى بېلىش ئۆچۆن تۆۋەندىكى تەشەببۇس ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىپ باقايلى.بەلكىم مىنىڭ دەۋاتقانلىرىم خاتادۇر،نەتىجىسىنى كۇرەيلى.
تەشەببۇس شۇكى:
ھەرقانداق ماتىماتىماتىكىلىق ئىپادىنىڭ ئارقىسىدا غەيرى ماتىماتىكىلىق ئىدىيە،ئۇقۇم ،شەرىھ ۋە ئىنىقلىما بولىدۇ.فۇرمىلا،تەڭلىمە ۋەئۇلارنىڭ ئەزالىرى يۇقۇرقىلارسىزقۇرۇلمايدۇ.
:قېنى ،مۇنازىرە قىلىپ باقايلى.
2013.9.28
|