تۆۋەندىكىلەرگىمۇ دېققەت قىلىپ قويۇشقا ئەرزىيدىكەن:
1.لوگىكىنىڭ تۈرلىرى
http://zhidao.baidu.com/link?url ... Ydz3ihLWk59b87iYenq
2.يەنە بۇ ئىككى ئۇقۇم ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرەيلى.
پەلسەپىۋى لوگىكا ۋە لوگىكا پەلسەپىسى
3.پەلسەپىۋى لوگىكا قوللىنىشچانلىقى بىلەن ھازىرقى ئىلىم ساھەسى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر.
لوگىكا ئىلمى ۋە ماتېماتىكا ئىلمى
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
لوگىكا-تەپەككۇر شەكىللىرى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيتى توغرىسىدىكى پەن بولۇپ،ئەڭ دەسلىپىدە ئارىستوتىل تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان.كېينىچە گىرمان كىلاسسىك پەلسەپىشۇناسلىرى ئۆزىگە خاس لوگىكايارىتىپ،لوگىكا ئىلمىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن.بۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن گېگىل تەپەككۇر شەكىللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىلىشنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىغا زىچ باغلاپ تۇرۇپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ،بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش،ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئايلىنىش ۋە باشقا يېڭىچە تېمىلارنى ئوتتۇرىغاقويغان.
لوگىكا-ئەنئەنىۋى لوگىكا(شەكىل لوگىكىسى)ۋە دېئالىكتىك لوگىكىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەققىياتباسقۇچىنى باشتىن كەچۈردى. دېئالىكتىك لوگىكا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە زىددىيەت لوگىكىسى ۋە سېممىترىك لوگىكىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچ بويىچە تەرەققىي قىلىپ كەلدى.
سىممىترىك لوگىكا-لوگىكا تەرەققىيات باسقۇچىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ يۇقىرى باسقۇچ بولۇپ،جۇڭگولۇق ئالىم چېن شىچىڭ (陈世清) ئەپەندى تەرىپىدىن تىكلەنگەن.سىمىترىك لوگىكا-سېممىترىكلىك ئىدىيسى بويىچە خۇدا ۋە ئادەم،تەپەككۇر ۋە مەۋجۇدلۇق،تەپەككۇر مەزمۇنى ۋە تەپەككۇرشەكلى،تەپەككۇرنىڭ ئوبيېكتىپ گەۋدىسى ۋە سۇبيېكتىپ گەۋدىسى، تەپەككۇر ئۇبيېكتى ۋەتەپەككۇر قاتلىمى،ئىلمىي ماھىيەت ۋە ئوبيېكتىپ ماھىيەت ئارىسىدىكى سىممىترىكلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان تەپەككۇر قانۇنىيتىدىن ئىبارەت.
«يېڭىلىق يارىتىش بىر مىللەتنىڭ ھەم بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ»(جىياڭ زېمىن). ئەمما بىزنىڭ قارىشىمىزچە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈش كەڭ،پۇختا ئاساسىي بىلىملەر ۋە جانلىق،كەسكىن پىكىر قىلىشتىن باشلانسا تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ب د ت پەن-مائارىپ تەشكىلاتى ماتېماتىكا،لوگىكا،ئاستىرونومىيە،يەرشارى ئىلمى ۋە بوشلۇق ئىلمى،فىزىكا،خېمىيە،بىئولوگىيەقاتارلىق يەتتە ئاساسىي پەننىڭ ئىچىدىن لوگىكىنى ئىككىنچى ئورۇنغا تىزغان ئىدى.
ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ لوگىكا بىلەن ھەرقايسى پەنلەرنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ بارا-بارا قۇيۇقلاشتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا.لوگىكا ھەرقايسى پەنلەرگە(ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغىچە) سىڭىپ كىرىپ تەتقىقات مېتودىغا ۋە تۇرمۇشتىكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمىزغا يېڭىچە ھاياتىي كۈچ بەخىش ئەتتى ۋە بۇلارنى ئۆزگەرتىپ ئۈلگۈردى. شۇنداقلا يەنە ھەرقايسى پەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئارلىقنىمۇ دەل لوگىكا يېقىنلاشتۇردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ماتېماتىكا لوگىكا بىلەن مۇناسىۋىتى ئەڭ زىچ بولغان پەن سۈپىتىدە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئۇمۇمىي مەنىدىكى لوگىكىلىق مەسلىلەرنى ماتېماتىكىلىق مەنىدىكى لوگىكىلىق مەسلىلەرگەيىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، لوگىكا ماتېماتىكىنىڭ ھەقىقىي قىسمىي توپلىمى. يەنى، ماتېماتىكا لوگىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
« ماتېماتىكا-لوگىكا-ماتېماتىكا» ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەققىيات ئەندىزىسىدۇر.
ماتېماتىكىدىكى نۇرغۇن مەسلىلەر لوگىكىدىكى ئۇقۇم،ھۆكۈم،دەلىللەش،ئىسپاتلاش،...دېگەنلەرگە بېرىپ چېتىلىدۇ.لوگىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك بىلىملەر ماتېماتىكىدىكى بىرقىسىم كەلتۈرۈپ چىقىرىش ۋە ئىسپاتلاشلارنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.بۇ مەنىدىن لوگىكا ماتېماتىكىنى پىكىربۇلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ،دېيەلەيمىز. ماتېماتىكىدىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئىسپاتلاش ئۇسۇلى،بىۋاستە ئىسپاتلاش ئۇسۇلى، ماتېماتىكىلىق ئىندۇكسىيە ئۇسۇلى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى لوگىكىدىن كەلگەن.شۇنداقلا يەنە ماتېماتىكىدىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئىسپاتلاش ئۇسۇلى لوگىكىنى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە،توغرىلىققا ئىگە قىلىغان.
ئەمدى لوگىكىدىكى قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاشنىڭ ماتېماتىكىدىكى قوللىنىشىنى كۆرۈپ باقايلى:
قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش لوگىكىدىكى «ۋاستىلىك ئىسپاتلاش ئۇسۇلى»تۈرىگە تەۋە بولۇپ،مەسلىنىڭ يەكۈنىنى ئىنكار قىلىشتىن قول سېلىپ ۋە بۇ يەكۈننى بېرىلگەن شەرت قىلىپ توغرا بولغان لوگىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە بېرىلگەن شەرت،ئېنىقلىما،تېئورىما،قائىدىلەرنىڭ توغرا ھۆكۈمگە زىتلىقى ياكى زىت ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق قىياسىمىزنىڭ توغرا-خاتالىقى بېكىتىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل «ئاۋۋال چېكىنىپ،ئاندىن ھۇجۇمغائۆتۈش»دېگەنگە ئوخشاپ قالىدۇ.خۇددى مۇشنى تۈگىۋېلىپ ئاۋۋال كەينىگە تارتىپ تۇرۇپ ئاتساق كۈچلۈك بولغاندەك نۇرغۇن ئىسپاتلاش مەسلىلىرىدىكى كۈچلۈك لوگىكىلىق قورال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نىيۇتۇننىڭ گېپى بويىچە«قارشىسىدىن چىقىپ ئىسپاتلاش –ماتېماتىكلارنىڭ ئەڭ ئەپچىل قوراللىرىنىڭ بىرى»دۇر.
يىغىپ ئېيتقاندا، لوگىكا بىر مۇھىم پەن، ھەرقانداق ئۆتكۈر پەن لوگىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ئايرىلالىغان ئەمەس ھەم ئايرىلالمايدۇ.