- تىزىملاتقان
- 2013-9-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 480
- نادىر
- 0
- يازما
- 42
ئۆسۈش
90%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izdangqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-8 16:37
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قېرىنداشلار!
مەن ماتىماتىكا ۋە ئۇنىڭ لوگىكا (ئىلمى مەنتىقە)ۋە پەلسەپە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى قارىشىمنى سۆزلەپ باقاي.خاتا بولسا بىرلىكتە توغرىلاپ توغرىقا بىرلىكتە يېقىنلىشىشنى تىلەيمەن. بۇ يەردە ئاۋۋال بىز ماددا ۋە ئىنساننىڭ ماددىنى تونۇشى ۋە ماددا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىدراك قىلىشىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىساق ،ئىنسانلار ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى بەش خىل سەزگۈسى ئارقىلىق ھېش قىلالىغان مۇشۇ مەۋجۈدىيەتنى ماددا دەپ قاراپ،ئۇنىڭغا بەزىلەر ‹ماسسا ۋە ھەجىمگە ئىگە بولغان نەرسە›دەپ تەبىر بەردى.ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ ماددى دۇنياغا بولغان ئىزدىنىشى فىزىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولدى. مۇشۇ ماددىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەڭ دەسلەپ سان ئارقىلىق ئىپادىلەندى.ماددىلارئارىسىدىكى سانلىق مۇناسىۋەت (فۇنكىسىيە) ماددىلار مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ بىۋاستە بولغان ئىپادىلەش ئۇسۇلىدۇر.مانا بۇ خىل ماددىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سان ئارقىلىق ئىپادىلەش ماتىماتىكىدۇر.ئەمدى بۇ مۇناسىۋەتلەر قانۇنىيەتلىك بولىدۇ .مانا بۇ قانۇنىيەتنىڭ ئۆزىنى بىلىش لوگىكىدۇر. لوگىكا مەلۇم مۇتلەق دەپ قارالغان ئۆلچەمگە تايىنىدۇ.مانا مۇشۇ ئۆلچەم پەلسەپىدۇر.مۆھتەرەم قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ ماتىماتىكابىلەن لوگىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم باغلىنىش توغرىسىدا بىزگە سۇئال قويۇشى ،بۇ ئاكىمىزنىڭ بىز ھىس قىلىپ يەتمىگەن ياكى ئۇنتۇپ قالغان بىر يېڭى بوشلۇقنى كۆرسىتىپ بېرىش ھىساپلىنىدۇ .تەپەككۈر ئاشىقى قاسىم سىدىق ئاكىغا اللە رەھمەت قىلسۇن .لوگىكا ۋە ماتىماتىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا،كومپيۇتىرنى مىسال ئالساق،كومپيۇتىر بىر جانسىز ،ئاڭسىز ماددىدۇر، ئەمىسە ئۇ قانداق قىلىپ شۇنچە زور ماتىماتىكىلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال لوگىكىلىق تەپەككۈر يۈرگىزىمىز. ئادەتتە بىز توك يولىدا پەقەت ئىككى خىل ھالەتلا بولىدۇ،ئۈزۈك ياكى ئۇلانغان،يۇقىرى بېسىم ياكى تۆۋەن بېسىم،يۇقىرى ماگنت مەيدانى ياكى تۆۋەن ما
گنىت مەيدانى... بۇ ئىككى خىل ھالەتنى سان بىلەن ئىپادىلىسەك ‹1› ياكى ‹0›،دىمەك كومپيۇتىر پەقەت بىر ۋە نۈلدىن ئىبارەت ئىككى خىل ھالەتنىلا قىلالايدۇ. ئەمدى بىز بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ،مۇناسىۋەتلەرنى قانداق قىلىپ مۇشۇ ئىككى سان ئارقىلىق ئىپادىلەپ ،ئۇنى ‹1›ۋە‹0›مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرۇپ كوميۇتىرغا ھىساپلىتىپ،چىققان نەتىجىنى يەنە قانداق قىلىپ ئادەتتىكى ئونلۇق سىستىمىسىدىكى سان ھالىتىدە ئىپادىلەش مەسىلىسى لوگىكىلىق تەپەككۈر ۋە ئاخىرىدا پەلسەپىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.ھەتتا خەت ،ئاۋاز ،كۆرۈنمە ،رەسىم قاترلىقلارنىمۇ ئىككىلىك سانلىق رەقەم ھالىتىدە كومپيۇتىرغا تونىتىپ بىرتەرەپ قىلىپ بولۇپ،ئۇنى قايتىدىن يەنە كەينىگە ياندۇرۇپ بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە كومپيۇتىر ‹1›بىلەن ‹0›نىلا تونۇيدىغان ‹كالۋا› ماشىنا بولۇپ ،لوگىكىلىق تەپەككۈر ئۇنى ئاشۇنداق قالتىس قىلىۋەتكەن. ئۇندىن باشقا يەنە بۇ گالۋاڭ ماشىنىنىڭ ھىساپلاش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق كومپيۇتىرنىڭ كەمچىللىكىنى يېپىپ ئۇنى ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشمۇ لوگىكىلىق تەپەككۈردىن كەلگەن. دىمەك ماتىماتىكا ،لوگىكا زىچ بىرلەشكەن ،ھەم باغلىنىشلىق بولۇپ بىر-بىرىدىن ئايرىپ قاراش بىزنى خاتالاشتۇرىدۇ.بۇلار ئاخىرىدا پەلسەپەگە چېتىلىدۇ.پەلسەپە ئىنساننى ھەقىقەتكە ئۇلاشتۇرىدۇ.ھەقىقەتنى تونۇش ،ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچ ئىتىقادنى شەكىللەندۈرىدۇ.ئىتىقاد ماددى قانۇنىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى قۇدرەت ئېگىسىگە بولغان مىننەتدارلىق ۋە مۇھەببەتتۇر...
|
|