- تىزىملاتقان
- 2012-8-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 21147
- نادىر
- 0
- يازما
- 1653
ئۆسۈش
  27.87%
|
مۇشۇنداق ئەملىي ئىشلارنى دەلىلەر بىلەن ئېچىپ بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى ۋە تەتقىقاتچىلار كۆپلەپ چىقسا ،مائارىپىمىزدىكى قۇرۇق سەپسەتىگە ئايلانغان ئىسلاھ قىلىش شۇئارلىرى ھەقىقى مەندىكى ئەكسىنى تاپامدىكىن دەپ ئويلايمەن.مېنىڭچە ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۈچ كەلگەن خىزمەت بېسىمى تۆۋەن ئەمەس.ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەرلەردە يەرلىككە ئوخشاش كۆپ قۇشۇمچە ئىشلار بولمىسىمۇ ،كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سانى ،ئوقۇتقۇچىلارغا ئاز بولمىغان خىزمەت بېسىمى يۈكلىدى.ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايۇنىدىكى ئۇيغۇر سىنىپلارغا قارايدىغان بولساق 60~70دىن ئوقۇغۇچى بىر ئوقۇتقۇچىغا ئىككى سىنىپ،ئاپئاق بالىلارغا بىر نەرسە چۈشەندۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ئىنتىزامىنى تەشكىللەشمۇ خېلى قول تۇتىدىغان ئىش.دەرس پىلانىمىز تەلەپكە يەتمىسە تېخى.نەتىجە چىقمىسا تېخى.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جىنى تۆمۈر ئەمەستە؟!تېخى باشلانغۇچ تۆۋەن يىللىق تاپشۇرۇق بېرىلمەيدۇ دەپ ئوختۇرۇش چىققان بولسىمۇ ،يۇقىردىن ۋە مەكتەپتىن تاپشۇرۇق سۈرۈشتىسىنى قىلىدۇ.نېمە دىگەن بىر-بىرىگە زىت گەپلەر-ھە! |
|