- تىزىملاتقان
- 2013-3-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 620
- نادىر
- 0
- يازما
- 65
ئۆسۈش
  24%
|
بىر جۈپ ئاتا-ئانا ئىككى-ئۈچ بالىسىنى بېقىپ بولالماي، ئاغزىدىن سۈت تېمىپ تۇرغان بالىسىنى يەسلىگە ئاپىرىپ بەرسە، (يېزىدىكى دېھقانلاردىمۇ بۇ ئىشلار بەك ئەۋج ئالغىلى تۇردى دىسە!) بىر ئوقۇتقۇچى 40-50 ئوقۇغۇچىنى قانداقمۇ ياخشى تەربىيەلەپ بولالىسۇن. مەن مەكتەپتە ئوقۇتقۇچۇمنى خاپا قىلىپ تاياق يەپ ئۆيگە قېچىپ كەلسەم، دادام كالتەك بىلەن تازا سېلىپ مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىپتى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇپ ئوقۇتقۇچى بولدۇم. ئەمما ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارغا قاتتىقراق ۋارقىراپ قويسام، ئاتا-ئانىسى كېلىپ مېنى تاس قالىدۇ ئۇرۇپ كەتكىلى. شۇنداق تۇرسا قانداقمۇ بالىلارغا بارلىقىمىزنى بېغىشلىغىلى بولىدۇ دەيسىلەر. سىنىپمۇ بىر ئائىلە، ئائىلە دىگەندە ئۇنداق-مۇنداق زىددىيەتلەر بولمامدۇ دەيمەن. بىر ياقتىن ئاتا-ئانىلار، بىر ياقتىن مەكتەپتىكى ئەمەلنى پۇلغا سېتىۋالغان ئەمەلدارلارنىڭ بېسىمى، يەنە بىر ياقتىن ئائىلىمىزنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى.... ئاستىدا قانداقمۇ ئوقۇتقۇچىلىقنى ياخشى قىلغىلى بولسۇن!!! مەكتەپلىرىمىز تۈرمىدىن پەرقى قالمايۋاتسا، بىزلەر گۈندىپايلىقتىن زېرىكمەي نېمە بولماقچى!!! |
|