- تىزىملاتقان
- 2012-12-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1104
- نادىر
- 0
- يازما
- 29
ئۆسۈش
  10.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bigham123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-28 14:34
بىزنىڭ مەكتەپتىمۇ ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتتىگەندىن چۈشلۈك دەم ئېلىشقا قەدەر مەكتەپ ئوتتۇرا قاتلام رەھبەرلىرى يىغىن ئاچىدۇ.نىمىنى ھەل قىلىپ،نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلگىلى بولمايدۇ.قەتئىي مەخپىي.
مەكتەپ يەنە شۇ بىرخىل قېلىپتا يا ئوقۇتۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
مېنىڭچە ھازىر مەكتەپلەرنىڭ تېشى پارقىراپ پۇل خەجلەشنىڭ ھىچقانداق ئورنى قالمىدى.پۇل خەجلەشكە توغرا كەلسە ئوقۇغۇچىنى مەلۇم جەھەتتىن تەربىيلەپ نەتىجە ھاسىل قىلالىغانلارغا خەجلىسە بولىدۇ.ئادەم ئوقۇتۇپ نەتىجە يارىتالىغانلارغا پۇلنى ئايىماي خەجلىسە مەكتەپ مەكتەپلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان بولىدۇ.مەكتەپ خىزمىتى يۈكسەك دەرىجىدىكى ئادىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت.
مەكتەپلەرگە ماس كەلمەيدىغان ئەخلاق قارىشى ،يالاقچىلىق،نەيرەڭۋازلىق قاتارلىق بۇ خىل ھالەتلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ماھىيىتىنى خۇنۇكلەشتۈرۋەتتى.
شەھەرگە قاراشلىق مائارىپ ئىدارىمىزنىڭ مائارىپ تەتقىقات ئىشخانىمىز بار ،ئۇلارنىڭ مەكتەپلەرگە كىلىپ ئوقۇتقۇچىلارنى قايىل قىلغۇدەك ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرى بىلەن تەمىن ئېتىشى كىرەك ئىدى،ئەپسۇس ئۇلاردا ئوقۇتۇشنى تەتقىق قىلغۇدەك ئوقۇتۇش ئۈستىدە ئىزدەنگۈدەك قابىليەت ،بىلىم نىمە ئىش قىلسۇن.كىسىپ ئېيتىمەن 85% تەتقىقات خادىمى سېپى ئۆزىدىن پوق قۇرساق.
مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش تەجرىبىسى مول ھەممە ئوقۇتقۇچىلارغا ئۈلگە بولغىدەك سەر خىللىرى ئۇ ئورۇنغا كىرەلمەيدۇ،چۈنكى ئۇلاردا خوشامەتچىلىك ،يالاقچىلىق ھۈنىرى يوق. |
|