- تىزىملاتقان
- 2011-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 27576
- نادىر
- 11
- يازما
- 1170
ئۆسۈش
  100%
|
بۈگۈن يازماقچى بولغان كىتاب ئوقۇش خاتىرەم خەنزۇ يازغۇچىسى چى زىجىيەننىڭ «ئېرگۇن دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقى» ناملىق رومانى ئۈستىدە بولىدۇ. بۇ روماننى خېلى بۇرۇنلا باشلاپ قويغان. ئوقۇپ ئاخىرى پويىزسىمان ئوقۇشنى تۈگىتىپ مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا ئەكىرىپ بەردىم.
بۇ روماننى تەرجىمە قىلغۇچى ئەيبۇ ياقۇپ بۇ روماننىڭ باش قىسمىنى يازغۇچىلار تورىغا بەرگەن، كېيىن قوش يۆنىلىشلىك تەرجىمە قۇرۇلىشىدا نەشىردىن چىقتى. بۇ رومان ناھايىتى سىلىق، قىزىقارلىق، سەلكىندەك يەڭگىل باشلىنىدۇ. ( ئۇھھھھ بايامقى ئاچچىق كاللامدىن چىقىپ بولالمىغاچقا نىمە دىيىشىمنى بىلمەيلا قالدىم) مەن بۇ روماننى ئوقۇغاندا ئۆزۈمنى خۇددى ھىنگان تاغلىرى ئىچىدە، ئاشۇ بۇغىلار بىلەن بىللە كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. ئېلۇنچۈن مىللىتىنىڭ ئازادلىقتىن بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى تۇرمۇشلىرى ناھايىتى راۋان ۋە يەڭگىل بايان قىلىنىپتۇ. مەن بۇ كىشلەرنىڭ ھاياتىنى ئوقۇپ، راستىنى دىگەندە « يۈز يىل غېرىبلىق» نىڭ جۇڭگو نەشىرىنى ئوقۇغاندەك بولدۇم. ئۇنىڭدىكى ساپلىق ۋە قەدىمىيلىك، شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىكى سىر ۋە ئانچە تەرەققىي قىلمىغان مىللەتلەردە بولىدىغان سىرلىق ئىشلار دىققىتىمنى تولىمۇ تارتتى. راستلا موشۇ ئىشلار بولغانمىدۇ؟ شامان باخشىلىرىنىڭ شۇنچە كارامىتى بارمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئۇلار تەبىئەتنى سۆيىدىكەن، تەبىئەتنى ئانام دەپ بىلىدىكەن. ھەر بىر ئىشتا جان بېقىشنى ئەمەس، ئادىمىيلىك مىزانىنى ئاساس قىلىدىكەن. بولۇپمۇ ئادەم بىلەن بۇغا، بۇغا بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئادەمنى تولىمۇ جەلىپ قىلىدىكەن. بۇغا سۈتى ئەتكەن چېيى، سىرلىق ئوت-چۆپ دورىلار.....مەن بۇنىڭغا قاراپ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق ئىشلىرى تەسۋىرلەنگەن روماندىن بىرسى يېزىلىشى كىرەككەن، دەپ ئويلاپ قالدىم.
لېكىن تەسۋىردىكى ھەدىدىن زىيادە ئىنچىكىلىكنى، كىيىنكى كىشىلەرنىڭ تەغدىرى ھەققىدىكى بايانلارنى ۋە بەزى قاملاشمىغان تەسۋىرلەرنى ياقتۇرمىدىم.
بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان رومانكەن. |
|