- تىزىملاتقان
- 2011-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4494
- نادىر
- 10
- يازما
- 141
ئۆسۈش
83.13%
|
مۇنبەردە كىتاپخۇمار دوستلار خېلى كۆپكەن ، بۇ تېما ياخشى تېما بوپتۇ : مەنمۇ ئاۋاز قوشاي :
1، سىپارە (ھەپتىيەك)- مەن ئەڭ دەسلەپ قولۇمغا ئالغان كىتاپ : 5 ياش ۋاقتىم :
2. ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى - ئون نەچچە قىسىمغۇ دەيمەن ، ھەممىنى شۇنچىلىق قىزىقىش ئىچىدە ئوقىغان :
3.سەخىبۇل بۇخارى - باشلانغۇچ 6 - سىنىپ مەزگىللىرىمدە ئوقىغان ، يادلىغان دىسەممۇ بولىدۇ ، شۇنىڭدە ئائىشە رەززىلاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھازىرمۇ يادقا سۆزلەپ بېرەلەيمەن ،
4.قومۇل نەزمىلىرى - ئېسىمنى بىلسەم ئۆيدە كۆك تاشلىق مۇشۇ كىتاپ بار ئىدى ،
5.ئىز - بۇ روماننى قولۇمغا ئېلىپلا ئوقۇپ تۈگىتىۋەتكەن .
6. ئويغانغان زېمىن - تۇنجى نۇسخسىنى ئوقىغان ، ئويغانغان زېمىن بىلەن سەخىبۇل بۇخارى ئىككى كىتاپنى بىر ئاغىنەمگە بېرىپ يېرىم يىلدىن كېيىن سورىسام مەن ئالمىغان دەپ تۇرىۋالدى ، ھازىر كىملا كىتابىمنى ئارىيەتكە سورىسا ، بىر خوتۇننى ، بىر كىتاپنى ئارىيەتكە بەرمەيدىغان ئادىتىم بار دەپ بەرمەيدىغان بولدۇم.
7.قىسەسۇل ئەنبىيا - بۇ كىتاپنى ھازىرمۇ ئوقۇپ تۇرىمەن :
8. ئانا يۇرت - تۇنجى نەشرىنى ئوقىغانتىم
10.يىگىت بولسا شۇنداق بولسا
11. سەرسان روھ - ئەخەت تۇردى ، بۇ كىتابىممۇ باشقىلار تەرىپىدىن بېقىۋېلىندى .
12. مۇۋەپپقىيەت دەستۇرى - بۇ كىتاپ ياۋرۇپا ۋە يەھۇدىلارنى ئاساس قىلىپ يېزىلغاچقا بىزگە بەك ماس كەلمەيدىكەن ،
13.دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى
14 .پۇل تېپىش ئېپى - ھازىر بۇ خىل كىتاپلارنى ئوقىماسلا بولدۇم ، مۇشۇ خىل مۇۋەپپىقيەت ۋە پۇل تېپىش توغۇرلۇق نۇرغۇن كىتاپلار نى ئوقىغان ئىدىم ، ھەممىسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتاپ دىگەندەك شوئارلىرى باركەن ، لېكىن ئۇيغۇرلارغا بەك ماس كەلمەيدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم ، ئاتۇشلۇقتىن بىرەرسى سودا ،پۇل تېپىش توغۇرلۇق كىتاپ يازغان بولسا ئوقۇپ باقساق بولار ئىدى .
15.ئاپپاق غوجا - ئابدۇۋەلى ئەلى .
16.يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت
17. مېھراپتىن چايان - كىتاپ ئسمى ھەقىقەتەن ياخشى قويۇلغان ھە
18.گېتلىر
19.ئەخمەت ئەپەندىم
20.مۇستاپا كامال - بۇ ئىنكاسنى يېزىۋېتىپ كىتاپ ئىشكاپىمغا قارىسام بۇ كىتاپمۇ يوق تۇرىدۇ ، خەپ ، بىر خوتۇننى بىر كىتاپنى خەققە بېرىدىغان بولسام .
21.ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئابىدىسى
22.ئۆمۈر مەنزىللىرى ، شېئىرغا قىززىققان چاغلىرىمدا ئىچىدىكى بەزى شېئىرلارنى يادلىغان ئىدىم ، خەنزۇلارتەربىيلەشتە تاڭ شېئىرلىرنى يادلىتىدىكەن ،كېيىن بالامغا ئۆمۈر مەنزىللىرىنى يادلىدىشنى ئويلىشىپ باقسام بولغىدەك
23.سۈرەتتىكى ساھىپجامال - ئاكىلان (ھىندىستان ) - بۇ بەكلا ياخشى كىتاپ .
24.تىرىپلىق قىز - غەيرەت ئابدۇللا تەرجىمىسى ،
25.قابۇسنامە
26.ئامەت ۋە ئاپەت - 4 كۈندە ئوقۇپ تۈگەتكەن
27. مەن شاھىت بولغان ئىشلار
28.ئۆزلۈك ۋە كىملىك
29.ئۆزىنى ئىزدەش بوسىغىسىدا
30. ئۆزەڭنى تاپ ئەركەكلەر - نۇرمۇھەممەت ئۇچقۇن ، بۇ توي قىلىش ئالدىدىكى ھەر بىر يىگىت ئوقۇشقا تىگىشلىك كىتاپ ، بۇ كىتابىمنى يېقىندا تويى بولغان دوستۇمغا سوۋغا قىلىۋەتتىم
31.قۇم باسقان شەھەر
32. مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز - ئاپام ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلغان كىتاپ .
33.مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى
34.يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام
35-ناتىۋانلار - بۇ كىتاپنى ئوقۇپ بولۇپلا غۇلجىغا سايەھەتكە بېرىش نېسىپ بوپ قالدى.
36.كۆمۈرچى بالا
37.تارىم قۇۋۇقى چىكىلگەندە
38.مەمتىلى ئەپەندى
39.ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمن ھېكمەتلىرى
40.ئىزدىنىش -زوردۇن سابىر
41. ئابدۇكېرەم غوجا ئىجادىيتى توغرىسىدا
42.روھ قەسىدىسى - (ئابدۇشكۈر ئابدۇكېرەم ئاخبارات ئەسەرلىرىدىن تاللانما) .ئاپتور بىلەن قوشنا ئولتۇرۋاتقىلى 2 يىل بولدى . قوشنىدارچىلىق قىلغۇدەك بولمىدۇق تېخى،
43.تۆشۈك مونچاق
44.نازىنىن قىزلار
45.ئامىرىكىنىڭ شەرىپى - روزۋىلىت
46.لېنىن
47.نامراتلىقتىن - ۋەزىرىرلىككىچە = تاناكا كاكۇئىي
داۋامىنى ئالدىرماي يوللاي : |
|