- تىزىملاتقان
- 2011-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6998
- نادىر
- 2
- يازما
- 305
ئۆسۈش
  39.96%
|
دىن دۈشمەنلىرىنىڭ قازانغان مۇۋەپپىقىيەتلىرىنىڭ بىرى مۇسۇلمان قەۋملىرى ئارىسىغا، پەن بىلەن دىننى بىر بىرىگە قارمۇ قارشى دەپ چۈشىنىدىغان ئىدىئولوگىيەنى ئوڭۇشلۇق سىڭدۈرۈش بولسا كېرەك. تېما ئىگىسىنىڭ بەزى بىر تەرەپلىمە پىكىرلىرىگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرىمەن. ئىسلام پەننى چەتكە قاقمايدۇ ھەم ئىلىم ئېلىشنى پەرز سانايدۇ. ئىبىن سىنانىڭ كىتابلىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئالىي مەكتەبلىرىدە يۈز يىللارچە دەرس قىلىپ ئۆتۈلگەنلىكى، ئىككىنچى ئارستوتىل دەپ ئاتالغان فارابىنى، ئاسترونومىيە ئالىمى ئۇلۇغبەگنى، ئەسلەپ ئۆتۈڭ. غەرب ئىدىئولوگىيەسى ۋە پۇچەك ئىسلام ئەقىدىلىرى ئارىسىدا تېڭىرقاپ يۈرگەن «ئىلىم ئاشنالىرى» غا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئىلىم ئۆگىنىڭ، ئۆگەنگەن ئىلىمىڭىزنى ئۈممەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇڭ. تۆككەن تەرلىرىڭىز ئۆزىڭىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن بولسۇن. شۇنداق بولغاندا قاغچىراپ كەتكەن قەلبىڭىز ئىمان نۇرى بلەن سۇغۇرۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
دىن بىلەن پەننى بىر بىرىگە قارمۇ قارشى دەپ چۈشىنىۋالغانلار كاللاڭلارنى سىلكىۋېتىڭلار.
ئاللاھ ھەممىمىزگە باتىلدىن ساقلىنالايدىغان سەگەك كاللا ئاتا قىلسۇن. ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىزنى ئىككى دۇنيالىق بەختكە ئېرىشتۈرگۈچى نېئمەت قىلسۇن. مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلسۇن. دىن دۈشمەنلىرىنىڭ سۈيقەستلىرىدىن ساقلىسۇن. گۈزەل ئىمان باغلىرى، كۆركەم ئىلىم گۈلشەنلىرىدىن تەڭلا بەھىرلىنىشكە نېسىب قىلسۇن. ئامىن. |
|