- تىزىملاتقان
- 2012-8-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2674
- نادىر
- 0
- يازما
- 177
ئۆسۈش
  33.54%
|
wolf-man يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 11:58 
بەزى قارىغۇلارغا سۆز-------سىزلەرنىڭ تەرەققىياتىڭلارغا ...
ئىسلام ھېچقاچان تەرەققىياتنى ئىلىم پەننى چەكلىگىنى يوق ، مەزكۇر تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان مەسىلىمۇ دەل شۇ . سىز 6 قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزدا ئاتوم بومبىسى ۋە ئۇ بۇ نەرسىلەرنى ياسىغۇچىلار مەغلۇبىيەتچى دەپسىز ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرەلمەيدىكەن . سىز دەپ بېقىڭە قېنى ، نېمىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ شۇ سوئاللارغا جاۋاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدىڭىز . سىز نېمىشقا ئۇنداق كېسىپلا جاۋاپ بېرەلەيسىز ، ئەجىبا سىزدە شۇنداق خىسلەت بارمۇ يا ؟
بىز مىڭ يىللاردىن بېرى مۇسۇلمان بولغان قەۋم ، لېكىن ئارىمىزدا ئىسلامنى چۈشىنىش قانچىلىك . ئەجىبا مىللىتىمىزدىكى ئىسلامنى چۈشىنىدىغانلار ، يەنى كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ، موللاملارنىڭ ۋەزىپىسى نېمە ، ئۆتكەنكى ۋەقەدىكىدەك ئۇ بۇ مۇسۇلمان ئەمەس دەپ چۈشەندۈرۈشمۇ ياكى ئىسلامغا توغرا يول بىلەن يېتەكلەشمۇ ، ۋە ياكى قارىغۇلارچە ئايەتلەرنى يادىلاش ئارقىلىق مۇسۇلمانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرامدۇق . نېمە ئۈچۈن دىننىي ئېتىقادىمىز سۇس ؟
سىزنىڭ ئىسلامدىن خەۋىرىڭىز بولسا مەلۇم ئىشلار تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىنى خاتا كۆرسىتىپ تەنقىدلىشىڭىز توغرىمۇ ياكى شۇ كىشىنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن چۈشەندۈرۈشىڭىز توغرىمۇ . سىزچە بولغاندا بۇ دۇنيادا ئىبادەتتىن باشقىغا تىرىشىش ئارتۇقچە ئىش ، ئىلىم پەن ئۆگىنىش ، تۆت كۈنلۈك ئالەمدە باشقا تەرەققىياتلارغا ئېرىشىش ئارتۇقچە شۇنداقمۇ . مۇشۇلارغا جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز بىلمىگەننى بىلىۋالساق . |
|