- تىزىملاتقان
- 2012-7-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6095
- نادىر
- 0
- يازما
- 400
ئۆسۈش
  21.9%
|
tewipjan يوللىغان ۋاقتى 2013-5-3 13:56 
ئۇيغۇر جەمئىيتى مۇنداق ئۈچ مەزھەپكە بۆلۈنۈپ ياشاۋېتىپ ...
دىيارىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىجتىمائىي توپلار:
1. دىندار مۇسۇلمانلار توپى.
ئىلاھىي كۆرسەتمىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن، يەنە ئايەت ۋە ھەدىسكە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەگەشكەن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە.
2. مىللەتچىلەر توپى.
گەرچە ئاغزىدىن خۇدانى چۈشۈرمىسىمۇ، كۆڭلىدە ئىسلامنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدىغان ۋە ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلمايدىغان غەيرى ئىدىيە-نەزىرىيە ئارقىلىق مىللەتكە چىقىش يولى ئىزدىگۈچىلەر.
3. مۇشرىكلەر توپى.
بۇلار بىر خىل نادان قەۋىم بولۇپ، ئاللاھ-نىڭ بارلىق-بىرلىكىنى ئىنكار قىلمىسىمۇ، ئاللاھ-قا يېقىنلىشىشتا مەلۇم بىر ۋاستىگە تايىنىدۇ. يەنە ئىسلام دىنىدا ئەڭ چوڭ گۇناھ دەپ قارالغان ئاللاھ-قا شېرىك كەلتۈرۈش ۋاستىسىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن: ھەرخىل شەخىسلەرنىڭ ھەيكەللىرى، چولپانلار، ھەر قايسى ساھەلەردە ھەر خىل تەسىرلەرنى پەيدا قىلىۋاتقان مەبۇدلار. مۇشرىكلارنىڭ ئېتىقاد چۈشەنچىسى چوقۇندۇرغۇچى ۋە چوقۇنغۇچى مۇناسىۋېتىگە مەركەزلەشكەن بولىدۇ.
4. مۇناپىقلار توپى.
مۇناپىقلار توپى ئادەتتە ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان خەتەرلىك ھەم ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغان كۆلەملەشكەن ئىجتىمائىي توپتۇر. مۇناپىقلارنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىگە كەلتۈرىۋاتقان زىيىنى مۆلچەرلىگۈسىز بولۇپ، ئۇلار جەمىيەت ئەزالىرىغا ئىككى جەھەتتىن ئاسىيلىق قىلىدۇ:[1] مىللىيەت جەھەتتە خائىنلىق قىلىدۇ. يەنە مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى ياتلارغا سېتىۋېتىدۇ. [2] ئېتىقاد جەھەتتە خائنلىق قىلىدۇ. يەنە جەمىيەت ئەزالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. شۇڭا، مۇناپىقلار ئاللاھ-نىڭ دۈشمەنلىرىدۇر.
5. خەنزۇۋانلار.
خەنزۇۋانلار يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تائىپىدۇر. خەنزۇۋانلار [مىنكاۋخەنلەر] ئانا تىل تەپەككۈرىدە كەينىگە چېكىنگەن قەۋىم بولۇپ، ئۇلاردىن كېلىدىغان ئاساسلىق خەۋىپ بىر مىللەتنى مىللىيەت ۋە ئېتىقاد جەھەتتە ئاسسىمىلىيەتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشتۇر. ئۇلار ھاكىمىيەتنىڭ ياخشى تايانچىلىرىدىن بولالايدۇ. قوش تىل ماھارىتىنى پۇختا ئىگەللەپ، ھەر ئىككى تىلدا ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەپەككۈر قىلالايدىغان خەنزۇۋانلار كەلگۈسىدە مىللىتىمىزگە ئىختىياجلىق بولغان ئاساسلىق تايانچى كۈچلەردىن بولۇپ قالىدۇ. |
|