- تىزىملاتقان
- 2013-2-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7294
- نادىر
- 0
- يازما
- 984
ئۆسۈش
45.88%
|
ئامىركا ساراڭ بولدىمۇ نىمە؟
ھەر يىلى جۇڭگونىڭ دىنىي مەسىلىلىرىنى ئەيىبلەيدىغان ئامېرىكا خەلقئارا دىن ئەركىنلىكى كومېتىتى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى دىن ئەركىنلىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ دىن ئەركىنلىكى ئۆتكەن يىلدىكىدىن ‹‹كۆرۈنەرلىك ناچارلاشتى›› دېگەن ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى جۇڭگونى ‹‹ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەتلەر›› قاتارىغا تىزىشقا تەكلىپ بەرگەن.
ئامېرىكا ‹‹خاففىڭتون پوچتا گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ‹‹2013-يىللىق خەلقئارا دىن ئەركىنلىكى دوكلاتى›› دا 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن تارتىپ 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتىكى مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، 15 ‹‹ئەڭ ناچار›› دۆلەتنى تىزىپ چىققان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ دۆلەتلەر ‹‹سېستىمىلىق، ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان ۋە ئىزچىل ھالدا›› دىنىي ئەركىنلىكنى خالىغانچە بۇرمىلىغان. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە، بېرما، جۇڭگو، مىسىر، ئېرتىرىيە، ئىران، ئىراق، نىگېرىيە، چاۋشيەن، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەر بار ئىكەن. ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بولسا بۇ دوكلاتتا دىنىي ئەركىنلىكنى خالىغانچە بۇرمىلىغان ‹‹ئىككىنچى سەپتىكى›› دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا، ئۆتكەن بىر يىلدا، جۇڭگونىڭ شىزاڭدىكى بۇددا دىنى مۇرىتلىرى ۋە شىنجاڭدىكى موسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى تېخىمۇ ناچارلاشتى دېيىلگەن. دوكلاتتا يەنە. جۇڭگو 2012-يىلى دىنىي پائالىيەتلەرگە بولغان بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹قانۇنسىز›› سورۇنلارنى مەجبۇرىي تاقاپ، ۋاتىكان تەستىقلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا دىنىي خادىملارنى ئۆز مەيلىچە ۋەزىپە قويدى دېيىلگەن. دوكلاتتا قارىشىچە، جۇڭگو ئەمەلىيەتتە پەقەت ‹‹ئادەتتىكى›› دىنىي پائالىيەتلەرگە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت دەخلى قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى شەخسىي دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقىغا ئېنىق كاپالەتلىك قىلمىغان.
مەزكۇر كومېتىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ باھالاشتىكى ئۆلچىمى ‹‹كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا خەلقئارالىق ھۈججەتلەر›› بولۇپ، دوكلاتنى ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قۇربان بولغانلار ۋە دىن سىياسەتلىرىنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
مەزكۇر دوكلاتقا قارىتا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پىروفېسسورى ئىپادە بىلدۈرۈپ، سەزگۈر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي مەسىلىلەر توغرىسىسا جۇڭگونى ئەيىبلەش ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرى بار، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا دىن ئەركىنلىكى كومېتىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ دەپ قارىدى. جۇڭگو تىبەتشۇناسلىق تەقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليەن شياڭمىن تەكىتلەپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، بۇ ھەرىكەتلەر جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ھەر خىل دىن باشقۇرۇش نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلدى،دىن بايرىقىنى كۆتۈرۋېلىشتىكى مەقسەت جۇڭگونى پارچىلايدىغان ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› پائالىيەتلىرىنى قوللاش، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ھازىرغىچە ئىزچىل ئۆزگىرىپ باقمىدى دېدى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىن ئەركىنلىكى كومېتىتى ئامېرىكىنىڭ 1998-يىلىدىكى خەلقئارا دىن ئەركىنلىكى قانۇنىغا ئاساسەن قۇرۇلغان پارتىيە-مەزھەپلەردىن خالىي مۇستەقىل فېدىراتسىيە ئورگىنى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن، بۇ كومېتىت ھەر يىلى مۇشۇنداق خىلدىكى دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ دىنىي سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. |
|