- تىزىملاتقان
- 2013-2-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1649
- نادىر
- 0
- يازما
- 146
ئۆسۈش
  4.26%
|
ئۇيغۇر جەمئىيتى مۇنداق ئۈچ مەزھەپكە بۆلۈنۈپ ياشاۋېتىپتۇ.بىرىنجىسى،كومۇنىزىم ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان ۋەقۇربانلىق بىرىۋاتقان ئۆزئىتىقادىنى كومۇنىزىمغا باغلاپ شۇنىڭغا چۇقۇنغۇچىلار،بۇلارنىڭ ئىسمى ،كىيىم -كىچەكلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانچە قىلىۋاتقان ھەركەتلىرىمۇ ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىغا ئوخشايدۇ،ئەمما كومۇنىزىمغابولغان ئىتىقاد ھامان غالىپ ئورۇندا تۇرغاچ ۋاقتى كەلگەندە قەلبىدىكى ئىتىقاد ئۆزقېرىنداشلىرىنىمۇ كۆرمەس قىلىپ قۇيىدۇ.نەتىجىدە ئۇيغۇرلارئوتتىرىسىدىكى ئىختىلاپ زىددىيەت بۆلۈنىشنىڭ سەۋەبچىسى بۇلۇپ قالىدۇ.سېرتتىن باھا بىرىدىغانلار ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى ۋە قېرىنداشلىق مىھرىدىن قاراپ مەسىلىنى بىرتەرەپكە ئارتىپ قۇيىشى ياكى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئىتىقاد قايسى تەرەپكە مايىل بولسا شۇتەرەپنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى توغرا دەپ قاراپ شۇ تەرەپنى ئاقلىشى مۇمكىن.ئىككىنجى ئىتىقادنى ھەم ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان كىشىلەر ،بۇنداق كىشىلەر ئۆزئىتىقادى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ تەۋەككۈل قىلغۇچىلارۋە ئەركىنلىك ھۆرلۈك ئۈچۈن تىرىشىپ ئىنساننى شەخىسكە ماددىغا چۇقۇنۇشتىن ۋازكەچتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىۋاتقان ھەم شۇيوللاردا دىنى مىللىتى بىر ئەمما ئىتىقادى ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ داۋاملىق باستۇرۇشىغا دۈچ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار توپى.ئۈچىنجىسى بولسا ھېچقانداق ئىشتىن خەۋەرسىز يۈرۈيدىغان قەلبىدە ھېچقانداق ئىتىقاد يوق كىمگە ئەگىشىشنىمۇ بىلمەيدىغان ھەممىنىڭكىنى راس دەيدىغان ئەڭ بىلىمسىز نادانلار توپى .مانا ئۇيغۇر جەمئىيتى مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ توپلار ئارىسىدا ياشاۋاتقاچ بىرلىككە كىلىش ،مەسلىلەرنى ھەل قىلىش بەك تەس بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ!بىزنىڭ ئىتىقادىمىز بىرلىككە كەلگەندە ھەممە مەسلىلەر ئاللاھ خالىسا ياخشىلىنىپ كىتىدۇ. |
|