تاراتىلار ماڭغۇدەك ،
ئاتلىرىنى تاقىلاپ .
خۇمارلاشقان كۆزىدە ،
ماي بار ئىكەن پارقىراپ .
توڭلاتقۇدىن يازالاردا ،
قار چىقىرار تاراتى .
ئارىتامدا تاش تېرىپ ،
ماي چىقىرار تاراتى .
ئۇستا بولسا تاماققا ،
ماينى خىللاپ يۇرەمدۇ؟
يولدىشىغا لەگمەننى ،
ئوزى چايناپ بىرەمدۇ ؟
(توخو پۇتى لەگمەننى ،
ئالداپ سالداپ بىرەمدۇ.)
تۇققانلاردا ماي تولا ،
تىلەپ ئېلىڭ تاراتى .
پۇل كىتىدۇ تۇڭلارغا
سىۋەت ئېلىڭ تاراتى .
تاراتى بۇ سەپەردە،
توقسان يەردە ماي تاتۇر.
ئوخشاپ قالسا پولۇسى ،
مۇنبەرلەردە ماختۇنۇر.
ياغ تاپالماي تاراتى ،
پىشانىسى شور كەپتۇ .
خوشنىلارغا تۇيدۇرماي ،
ئەر بۇرۇتنى مايلاپتۇ .
ئەسكى قىلماڭ كۆڭۇلنى ،
قومۇلدىمۇ ماي تولا .
بۇلتۇر يىگەن قوغۇننىڭ ،
ئۇرۇغىدا ياغ تولا .
بەش كىلۇ ماي ماڭدۇراي ،
چەپەك سېلىپ يەۋېلىڭ .
قوغۇن ئۇرۇغ مېيى بۇ ،
لازىجاڭ قىپ ئېۋېلىڭ.
ۋاي خالايىق قاراڭلار .
تاراتى بەك بەك دوتكەن ،
لازىجاڭدىن ماي ئاشسا ،
چۈچۈك قىلىپ ئىشلەتكەن.
ئېغىر كىلىپ بۇ چاقچاق ،
خېنەنلىكتەك يىغلىغان .
باغداش خانغا ھال ئېيتىپ ،
ماڭقىسىنى ئېقىتقان .
ماڭدۇرغۇنۇم ئەسلىدە ،
كەندىر مېيكەن ۋاي توۋۋا .
چەپەك ياۋاپ تاراتى ،
ھىجىيارمىش تالادا .
|