- تىزىملاتقان
- 2013-1-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-1-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 38
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
12.67%
|
مەن تاراتى خانىمنىڭ شېئىرلىرىنى تولىمۇ ياقتۇرىمەن،ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ ناتونۇش سىماسى زاھىر بولىدۇ،ئۇنى كۆرگەندەك بولىمەن،ئۇنىڭ تولىمۇ ئۆزگىچە تەپەككۇر جەۋھەرلېرىنى ئوقۇغۇنىمدا تىتىرەپ كېتىمەن،ھەمدە ئۈنسىز ئۆز-ئۆزۈمگە شىۋىرلايمەن،ئۇلۇغ ئاللاھتىن سالامەتلىك تىلەيمەن ،قىزىقارلىق چۆچەكلېرىنى ئوقۇغىنىمدا كۈلۈپ كېتىمەن،ھەمدە ئۇنىڭ كۈلكىسىنى خىرە ئاڭلاپ قالىمەن،خاتىرىلىرىنى ئوقۇپ بىئىختىيار سىرغىپ چۈشكەن ياشلىرىمغا ئاللاھ گۇۋاھ،بەلكىم بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرگە بولغان قىزىقىشىم ۋە چۈشىنىشىمدىن بولسا كېرەك.ئۇنىڭ ئەسەرلېرىنى قوغلاپ يۈرۈپ ئوقۇيمەن..بىز تونۇشمايمىز،بىر قېتىم مەن تاراتى خانىم بىلەن توردا پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ سەمىمىلىكىدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەن ئىدىم،ئۇنىڭ ئەسەرلېرى خۇددى پەيدەك يىنىك،سۈپسۈزۈك سۇدەك سۈزۈك،زۇمرەتتەك تۇيۇلىدۇ،ھەتتا مىجەزىمنى ئوخشىتىپ قالىمەن،شۇنچە ئەركىن،ئۇماق... يازغۇچىلار شۇ دەۋىرنىڭ باشلامچىلېرىدۇر،مەن قومۇل گېزىتىنىڭ مەلۇم سانىدا «ئاچچىق سۇئاللار»ناملىق بىر تېمىنى كۆرگەن،ئۇنىڭدا«بۇرۇن يازغۇچىلار قىزلارنىڭ چېچىنى ئۇزۇن قارا چاچلىرىڭ دەپ تەسۋىرلەيتتى،ھازىرچۇ؟قوڭۇر چاچلىرىڭ دەپ تەسۋىرلەيدىغان بولدى...»دىگەندەك مەزمونلارنى ئۇچراتقانىدىم،بەرھەق،كىتاب-روھقا خىتابتۇر،مەن ئۆزۈم تولىمۇ ياقتۇرىدىغان قەلەم ساھىبىغا ئاللاھتىن ئۇزۇن ئۆمۈر،سالامەتلىك،قەلىمىگە بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە بىزگە ئۆزىمىزنىڭ ئەكسىمىزنى كۆرىدىغان ئەسەرلەرنى كۆپرەك سۇنىشىنى ئۈمۈد قېلىمەن،شۇتاپتا تېزراق يۇرتقا قايتىپ «مەڭگۈلۈك ئارىلىق»نى ئوقۇشنى ئارزولايمەن. |
|