- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 65757
- نادىر
- 7
- يازما
- 2926
ئۆسۈش
  0%
|
مۇنبەرداشلارغا روزى ھېيىتلىق چاقچاق
يېۋەت خانقىزغا
يىۋەت خانقىز يۇرگۇدەك
ئۆزلىرىنى ئېپقېچىپ
ھېزى بولۇڭ ،تورداشلار
يېۋەتمىسۇن تۇز چېچىپ
باغداش ئوغلىغا
سوسكىڭىزنى ئەمدى سىز
تاشلاڭ بوغۇم چوڭ بولۇڭ
گۇزەل قىزنى كەلتۇرۇپ
پىشانىسى ئوڭ بولۇڭ
ئۇيغانغان زىمىنغا
ئۇخلاپ قالدى ئاكىمىز
چىلان باغنى قۇچاقلاپ
كۆرۇنمەيدۇ تورلاردا
سودا بىلەن پالاقلاپ
ئەركىمگە
ئەركىم شائىر يۇرگۇدەك
قارتۇۋىدە غوللاردا
تاش بارمىكىن سەپسېلىڭ
ئەگىم ئەگىم يوللاردا
دوتتارچى
ئەمەل قالپاق ياراشماي
پۇقرا بولغان دۇتتارچى
كاۋاپ يەيمىز دەپ قويۇپ
يوقاپ كەتكەن دۇتتارچى
ئابلىكىمگە
سۆزى گۇزەل مەردانە
خۇددى سېيت نوچىدەك
كۆز تەگىمسۇن ئابلىكىم
ياشاڭ جەسۇر ئوۋچىدەك
بوزقىرغا
بوزقىر شۇنداق تەۋرىدى
ئاسماندىكى يۇلتۇزدەك
تەرجىمە ۋە ئىنكاسلار
چاقنار ئىكەن قۇندۇزدەك
ئۆزتۇرۇككە
ئۆز تۇرۇكنىڭ تەكلىۋى
كۆڭۇللەرگە ياقىدۇ
باغداش ئۇچۇن تەر تۆكۇپ
ئوت سۇيىدە ئاقىدۇ .
توخوتۇرغا
ئادەت قىلدى سەۋرىنى
توخوتۇر بەك ئۇمۇتلۇك
تورداشلار بەك كۆپ بولغاچ
يېتىشمىدى كۆرۇملۇك
تەتۇر يولغا
تەتۇر يولدا مېڭىپسىز
جاھان تەتۇر ماڭغاندا
ھەق گەپلەرنى يېزىپسىز
يالغان ياۋداق تولغاندا
بابۇرزادە ئاكىمىزغا
باربۇرزادا ئاكا سىز
تورغا چىقىپ تۇرغايسىز
غايلاپ كەتكەن ئىنكاسنى
تۇزلەپ ئوڭشاپ تۇرغايسىز
قومۇل دىگەن كەڭ دالا
قەلىمىڭىز بىر تۇلپار
ئىز قالدۇرۇڭ بۇندىمۇ
چېچىپ زەپەر ھەم ئىپار .
ئىلىمگە
ئىلىم قارى يۇرگۇدەك
سەللىسىنى قىڭغايتىپ
ئىش تاپالماي بەزىدە
قۇرۇق يەرگە ئوت يېقىپ
ئابلېز ھەسەنگە
ئابلېز ھەسەن ئەمدى سىز
كۆڭلىڭىزنى كەڭ قىلىڭ
توك سوقۇپتۇ بۇ قېتىم
كىلەر قېتىم سەپسېلىڭ
يوق قىلمايمىز بىر يولدا
ئابلېز ھەسەن ئەجرىنى
ئاقلاڭ ئەمدى تىرىشىپ
ئەل ۋە يۇرتنىڭ قەرزىنى |
|