- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 65757
- نادىر
- 7
- يازما
- 2926
ئۆسۈش
  0%
|

1.ھېلقى چەتئەللەردە باكەنغۇ تاقىرباشلار پارتىيسىى دەپ بىر پارتىيەلەر ، خىيالىمىدا كۇلۇپ كەتكەنتىم ، نىمانداق غەلىتە خەق بۇ چەتئەللىك دىگەن . پارتىيە دىگەن دەبدەبىلىك ئەسئەسىلىك گەپلەرنى ئىسىم قىلمامدۇ ،تاقىر ، تاقىر باش دىگەنلەر بۇ دىگەن بىزدە قويىلىدىغان لەقەملەرغۇ ، قارىغاندا خەقلەر پارتىيە نامى قىلغان ئىسملارنى ئۆز ئارا لەقەم قىلىپ قويىشۋالغىنىمىزغا قارىغاندا بىزنىڭ مىللەتمۇ ئالامەتكەن جۇما .
2. شۇ بىز كىچىك ۋاقىىتلاردا بىللە ئوقۇغان ھۇسەن تاقىر دەيدىغان بىر ئاغىنەم بولۇدىغان . مانا ئەمدىلىكتە ئۇنۇڭ بۇ لەقىمى خېلى داغدۇغا قوزغاپ قويامدۇ نىمە ؟
3.بىر قانچە كۇننىڭ ئالدىدا چېچىمنى ياساتقىلى ساتىراچخانىغا كىرسەم 20 يۇەن دەيدۇ ،مەيلى دىدىم ، بىراق چېچىمنى ئالىدۇرغاچ چېچىمدىنمۇ تىز ئۆسىدىغان مال باھاسىغا قارىغىنىمچە ئويلۇنۇپ قالدىم .ھە ئەسلىدە ئاشۇ چەتئەلدىكى تاقىرباشلار پارتىيسىى دەل موشۇنداق مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە بىلدۇرۇلگەن كوللۇكتىىپ قارشىلىق كۆرسىتىشتىكى بىرەر پارتىيە ياكى گورۇھ بولسا كېرەك . ياكى بەلكىم ئۇلار رەسمى بىر پارتىيە گورۇھ بولماستىن ئەشۇنداق مال باھاسىغا ئۆكتە قوپقانلار بىرلىشىپ قۇرۇۋالغان كۇلۇپتۇر ، مەيلى نىمە بولسا بولمامدۇ ، ئەممازە ماۋۇ شەھرى قومۇلدىمۇ ئەرلەرنىڭ چېچىنى 20 يۇەندىن ئالغانغا ، لەغمەننىڭ 20 يۇەن بولغانلىقىغا نارازى بولغانلار پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ چېچىمىزنى سىپسىلىق چۇشۇرىۋېتىپ مال باھاسىنىڭ ئۆسۇپ كەتكەنلىكىگە جىمجىت نارازلىق بىلدۇرەمدۇق يا .
4.بىر ئادەم چېچىنى چۇشۇرىۋەتسە ئانچە ھەيۋەت كۆرۇنمەيدىغان گەپكەن ، تېخى سەل نومۇس قىلىدىغان گەپ ، ناۋادا مەنگە ئوخشاش مال باھاسىنىڭ ئۆسىشىگە نارازى بولىدىغان تورداشلار بولسا ھەممىمىز بىر كۇندىلا چېچىمىزنى چۇشۇرۇۋەتسەك قانداق بولار .
5.ئشىقىلىپ مەن دەيدىغاننى دەپ بولدۇم ، كۇلكە دەپ چۇشەنسەڭلار كۇلكە ،يىغا دەپ چۇشەنسەڭلار يىغا جۇما ماۋۇ گەپلەر ، |
|