- تىزىملاتقان
- 2011-9-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11760
- نادىر
- 19
- يازما
- 569
ئۆسۈش
  4.4%
|
مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش بىر تۈرلۈك دۆلەت سىياسىتى. بۇ 2015-يىلغىچە ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ قولىدىكى ئېشىنچە پۇل كىرىزىسىنى ھەل قىلماقچى.
بۇنى مۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ:
ھازىر جۇڭگودا سودا-سېتىق ئىشلىرىنىڭ نورمال ئايلىنىشى، يەنى ئوبۇرۇت بولىشى ئۈچۈن 150 مىليارد پۇل بار دەيلى. بۇنىڭ 100 مىليارتى خەلقنىڭ قولىدا، 50 مىليارتى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا. بۇ خىل ئەھۋالدا خەلق باي، كۈچلۈك، ھۆكۈمەت نامرات، ئاجىز. ئەمدى مال باھاسىنى تەڭشەپ ئۆستۈرۈش سىياسىتى ئارقىلىق ئەسلىدىكى بىر سوملىق ناننى 2 سومغا ئۆستۈرسە، ئۇ ھالدا نان باھاسىنىڭ ئۆسۈشى زەنجىرسىمان ئىنكاس قوزغاپ بارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى بىر ھەسسە ئۆسىدۇ. نەتىجىدە ئەسلىدىكى 150 مىليارت سوم نورمال ئىستىمال ئوبۇرۇتىنى قامدىيالمايدۇ. ئۇنى قامداش ئۈچۈن پۇلنىڭ ئومومىي مىقدارىمۇ ماس ھالدا بىر ھەسسە ئۆسۈشى كېرەك. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يەنە 150 مىليارد سوم پۇل بېسىشقا توغرا كېلىدۇ. پۇلنى كىم بېسىپ، ئوبۇرۇتقا ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت. ئەمدى قارىساق، بىر كېچىدىلا ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىكى پۇل 50 مىليارت سومدىن بىراقلا يېڭى بېسىپ بازارغا سېلىنغان 150 مىليارد بىلەن قوشۇلۇپ 200 مىلياردقا ئۆرلەپ، بايغا، كۈچلۈككە ئايلىنىدۇ، شەخسلەرنىڭ قولىدىكى پۇل بولسا ئۆزگەرمەيدۇ شۇنداقلا ئۇلار يېڭى ئۆسكەن مال باھاسى ئوبۇرۇتىغا يېتىشەلمەي نامراتقا-ئاجىزغا ئايلىنىدۇ، ئەسلىدىكىدىن بىر ھەسسە نامراتلىشىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنى كونتۇرۇل قىلىشى تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ.
ھازىر جۇڭگو پۇلىنىڭ قىممىتى تاشقى ئوبۇرۇتتا ئۆسۈۋاتىدۇ، ئىچكى ئوبۇرۇتتا چۈشىۋاتىدۇ. بۇنداق ھادىسە تارىختىن بۇيان ھېچ بىر دۆلەتتە كۆرۈلمىگەن. بۇنىڭغا خەلقئارا ھەيران قالماقتا. بۇ بىر ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال. بۇنداى كېتىۋەرسە جۇڭگو پۇقرالىرى قاق سەنەم بوپ كېتىشى مۈمكىن. |
|