- تىزىملاتقان
- 2012-8-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4600
- نادىر
- 0
- يازما
- 283
ئۆسۈش
  86.67%
|
خەلىقئارادا بىر باك نېفىتنىڭ باھاسى 17 دوللاردىن 21 دوللارغىچە چۈشۈپ بولدى ئەمما ئېلىمىزدە بولسا 25- فىئورالدىن باشلاپ تەييار ماينىڭ باھاسى 0.2 يۇەندىن 0.3 يۇەنگىچە ئۆستۈرۈلدى. بۇيىلقى ئىقتىساد كۆرسەتكۈچ پىلانىدا خام ئەشيالارنىڭ باھاسىنى تزگىنلەپ سانائەتنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ ، دۆلتە ئىقتىسادىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بەلگىلەندى.
1. خام ئەشيا بازىسى ئېلىمىزدە ئاساسلىقى ئېكولوگىيىلىك قوغدىلىدىغان رايۇنلاردىن، چېگرا رايۇنلاردىن، غوللۇق 1- كەسىپ (يېزا ئىگىلىكى ) دىن كېلىدۇ باھانى چۈشۈرۈش ئەمىليەتتە يېزا ئىگىلىكىنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ يەنى يەر ئىسلاھاتىنىڭ باشلىنىشى.
2.سانائەتنىڭ جايلىشىشى ئاساسەن دېڭىز بويى رايۇنلىرىغا مەركەزلەشكەن ، دۆلەت ماشنىسىنىڭ كونتىروللۇق ھوقوقىمۇ شۇلار ئۈچۈن لاھىيلەنگەن ، شۇڭا ئۇلارغا مەڭگۈلۈك يېشىل چىراغ يېقىقلىق.
3.ئىچكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ئاساسەن تەرەققىياتى نىسبەتەن ئاجىز رايۇنلارنىڭ ئېستىمال قىزغىنلىقىنى قوزغاشتىن كېلىدۇ ، قوڭامدا ئىشتان يوق ئېتىم مارجان بۈۋى دەيدىغان قاراش بىلەن ھازىرقى ھۆكۈمەت قوللىنىۋاتقان ئېھتىياجنى قوزغىتىش سىياسىتى تاراتقۇلارنىڭ غىدىقلىشى بىلەن تەخىرسىز ھالدا بانكا قەرزى ئارقىلىق ئىپادىسىنى تېپىۋاتىدۇ.
4.ئىقتىسادنى تەڭپۇڭلاشترۇش بولسا يىلدا دېيىلدىغان كونا شوئار ، بۇيىل نېمىلا بولمىسۇن مەركىزى شەھەرلەر بىلەن ئادەتتىكى شەھەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىمال تەڭپۇڭلاشماي تۇرۇپ ئىقتىساد تەڭپۇڭلاشمايدۇ دېگەندەك گەپلەر بولۇندى ، دېڭىز بويى رايۇنلىرىنىڭ بىزنڭ بۇ يەردە دوقمۇش-دوقمۇشتا ئۆزىنىڭ يەرلىك بانكىسى بار ، يەرلىكنىڭ بولسا ھۆكۈمەت قۇرۇپ بەرگەن بانكىسىلا بار ، ئەگەر ئىستىمال تەڭپۇڭلاشتۇرۇلسا ئۇ ھالدا بىزنىڭ زامانىۋى كۈنلىرىمىزنىڭ كۈلى كۆكتىمۇ كۆرۈنمەيلا قالماستىن قايتىدىن كۆچ-كۆچكە چۈشمەكتىن باشقا يەنە نېمە چارە باركىن ؟.
ئىشقىلىپ سىياسەت ئاۋام ئۈچۈن ئەمەس بىر قىسىم جاھانكەزدى ساياق « پىراپپىسورلارنىڭ» سىياسى نەيرىڭى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھالەت كوچىدىكى « تاللىۋېلىشىڭ بىر كويلۇق دۇكاننىڭ ئىچىدىكى مۇھىت » تەك ھەممە ئادەمگە تۇنۇشلۇق بۇلۇپ بولدى. |
|