- تىزىملاتقان
- 2011-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9709
- نادىر
- 0
- يازما
- 454
ئۆسۈش
  94.18%
|
«ئىلى قولدىن كەتكەندىن كېيىن، غەربىي يۇرت قولدىن كەتسە ،موڭغۇل دالىسىمۇ قولدىن كېتىدۇ،نەتىجىدە ئاستانە تەھدىتكە ئۇچرايدۇ»مۇنۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ تولۇقىنى دەپ بېرەي:
لىخۇڭجاڭ قاتارلىقلار شىمالىي دېڭىز فىرونتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ كېتىدىغانلىقىنى،دۆلەت خەزىنىسىنىڭ بولسا قۇرۇقدىلىنىپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوردىغا تۇتقان يارلىقىدا:<غەربىي يۇرتتىكى مۈلكى-لەشكىرىي ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇپ كېلىش،ئوردا خەزىنىسىگە قىلچىمۇ كىرىم بولماي بەلكى يىلدا نۇرغۇن چىقىم قىلىنىۋاتقانلىق سەۋەبىدىن غەربىي يۇرتتىن ۋاز كېچىش>تەكلىبىنى بېرىدۇ ھەم بۇ توغرۇسىدا پەرمانلار غەربىي يۇرتتىكى سۇلالە يامۇل چېرىكلىرىگىمۇ يېتىپ كېلىدۇ.كېيىن زوزۇڭتاڭ قاتارلىقلار:<«ئىلى قولدىن كەتكەندىن كېيىن، غەربىي يۇرت قولدىن كەتسە ،موڭغۇل دالىسىمۇ قولدىن كېتىدۇ،خېشىدا بولسا غەربىي يۇرت بىلەن ئاستانىنى ئايرىپ مۇداپىئە قىلىپ تۇرۇشقا ئەپلىك تەبىي توساق يوق،نەتىجىدە ئاستانە تەھدىتكە ئۇچرايدۇ»دەيدۇ ھەم غەربى يۇرت مۇداپىئەسىنىڭ دېڭىز مۇداپىئەسىگە ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى سىشى تەيخۇغا بىلدۇرىدۇ،شۇنداقلا شۇ ۋاقىتتىمۇ غەربىي يۇرتتىكى مەنچىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ قايتىشقا تەرەددۇتلانغاندا ھەرقايسى يەرلەردىكى يەرلىك بەگلەر يەنە ئوردىغا مەكتۇپ تۇتۇپ،ئەگەر ئوردىنىڭ مالىيەدىن قىيىنچىلىق كۆرۈنۈپ غەربىي يۇرتقا مالىيە ياردىمى قىلالمىسا،ئۆزىلىرىنىڭ كان ئېچىپ بولسىمۇ بارلىق چىقىملىرىنى قامدايدىغانلىقىنى،ئوردىنىڭ بۇ جايدىن ئەمەلدارلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ،،،
ئاخىرىدا زوزۇڭتاڭ سىشى تەيخۇنىڭ يارلىقى بويىچە گۆەنسەيىنى تەڭ ئېلىپ غەربىي يۇرتقا كېلىدۇ.
ئاۋۇ ياقۇببەگ غەلىبە قىلغان بولسا بىزلەر ھازىر قانداق كۈن كۆرەر ئىدۇق دەپ ئاغزىنى تاتلىق ئەتكەنلەر،ياقۇببەگ زامانىسىدا قانداق كۈن كۆرگەنلىكىمىزنى ئىزدەپ باقسۇن.تولا باشقىلارنىڭ پاچىقىنى قىزىلغا بويىماي. |
|