- تىزىملاتقان
- 2011-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9709
- نادىر
- 0
- يازما
- 454
ئۆسۈش
94.18%
|
ياقۇببەگنى <قەھرىمان>،<ئاتىلىق غازى>يەنە بىرنىمە بىر نىمىلەرگە كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ ئاساسى بولسا نوشىرۋاننىڭ<ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت>ناملىق ئەسىرى ياكى <ئەمىنىيە>قاتارلىق ئەسەرلەر شۇنداقلا تۆۋەندىكى بايانلار.<ئۇيغۇرلار يۇرتىغا زىيارەت>تىن:
<<بۇ ئىككى "ئۆزبېك"نىڭ ئارىسىدا قېرىنداشلىق تۈگۈل ،ئارىلىرىدادۈشمەنلىك ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسى شۇ قەدەر سوغۇقكى ، خۇددى سۇ بىلەن ئوت.
بۇلار ئارىسىدىكى دۈشمەنلىك ياقۇپبەگ ۋاقتىدا تۇغۇلغان. چۈنكى ياقۇپبەگ تۈركىستانلىق چەنتۇلارنىڭ تەبىرىچە ئەنجانلىق ئىدى. بۇنىڭدىن 60-50 يىل ئىلگىرى تۈركىستان ئۆزبېكلىرى بىلەن بۇيەردىكى ئۆزبېكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ مۇستەقىل بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش نىيىتى بولسا كىرەك،چەنتۇلارنى ئۆز ئىدارىسى ئاستىغا ئالماقچى بولدى. لىكىن چەنتۇلار باش ئەگمىدى.ئارىدا قاتتىق ئۇرۇش باشلاندى.ياقۇپبەگ ئەسكەرلىرى چەنتۇلارنى قىردى.قەتلىئام قىلدى.ياقۇپبەگ ھەرقانچەتىرىشسىمۇ مەقسىتىنى ئۇقتۇرالمىدى.چۈنكى ،چەنتۇلاردا ئۇنى چۈشەنگۈدەك ئاڭ يوق ئىدى . نادان خەلقنى ئۇيۇشتۇرماق قۇمدىن ئارقان ئەشكەندەك قىيىن بىر ئىش.
توغرا،ئۇلار سوقۇشتىن كىيىن ياقۇپبەگكە بويسۇندى،لېكىن ئۆز پايدىلىرىنى بىلىپ ئەمەس ،بەلكى ياقۇپبەگنىڭ تايىقىدىن قورقۇپلا باش ئەگدى.
ياقۇپبەگنىڭ بۇ ئىشى ئاساسىسز ئىدى. ئۇ، ئۇلارنى ئادەم قىلىش،ئۇلارغا ئاڭ بېرىش كىرەك دەپ ئالدىرىدى. ياقۇپبەگنىڭ تىككەن دەرىخى يىلتىز تارتالمىدى.ياقۇپبەگ ئۆلۈش بىلەن تەڭ چەنتۇلار يۈز ئۆرۈدى. ياقۇپبەگ ئەشكەن ئارقان ئۈزۈلدى.مەنسەپ تەمەسى بىلەن ئۆز-ئارا قىرغىنچىلىق باشلاندى.بىرئاز تارتىشىش بىلەن جەڭگى-جېدەلمۇ بېسىقتى. ياقۇپبەگ قۇرغان نېگىز يىمىرىلدى. لىكىن ئىش ئۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىدى.چەنتۇلار بىلەن ئەنجانلىقلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇزۇلدى،قېرىنداشلىق يىپى ئۈزۈلدى.مېھرى-مۇھەببەت ئوتى ئۆچۈپ،ئارىغا سوغۇقلۇق چۈشتى.>>
بىر تارىخى شەخسنىڭ قەھرىمان ياكى جاللاتلىقىغا كىتابلاردا ،بولۇپمۇ ئوردا شائىرلىرىنىڭ قەلىمى ئاستىدا مەغلۇبىيەت ياكى غەلىبىنى ئاساس قىلسىمۇ بۇ باھالار ھەرگىز چاك باسالمايدۇ!يوقارقى ئۈزۈندىلەرنى ئۆزىڭىزلەر ئوبدان ئويلاپ بېقىڭىزلار،شىنجاڭغا كەلگۈندى بولمىش ياقۇببەگ بۇ يۇرتقا غوجىدارلىق قىلىش ئويىدا بويى بولىدىكەن جەزمەن يەرلىك خوجايىنلار بولمىش ئۇيغۇرلارغا تايىنىشى،ھېچ بولمىسا يەكلىمەسلىكى،ئۇلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ قويماسلىقى لازىم ئىدى،ھەرگىزمۇ قوقانددا روسلاردىن رەسۋا بولۇپ قېچىپ كەلگەن ئالتە توك-توك ئۆزبېكىنىڭ كۈچىگە ئىشىنىپ كەتمەسلىكى لازىم ئىدى.ئەپسۇس،ئۆزىدىن بۇرۇن نۇرغۇن قېتىم قوقاند ئەنجانلاردىن ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئاتالمىش <پەيغەمبەر ئەۋلادى>لىق مەنسىۋىسى بېرىپ ،گاھىدا يالغۇز،گاھىدا ئات باقارى بىلەنلا شىنجاڭغا كېلىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسى ھەرخىل ئاڭ-پىكىرلىرى بىلەن قايمۇقتۇرۇپ،ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن كەتمەن چاپتۇرۇپ،تولىسى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ،ھەرھالدا بىسمىللىسىدا بولسىمۇ چوڭ ئىش تەۋرەتكەن توزغاق غوجىلار چېغىچىلىك كاللىسىنى ئىشلەتمىگەن،بۇنى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان زىددىيىتى شۇنداقلا ئاخىرقى مەغلۇبىيىتىدىن كۆرىۋالالايمىز.
ئەگەر ياقۇپبەگمۇ شىنجاڭغا كىرگەندە،ئاللىقانداق بۈيۈك مەقسەتلىرىنى دەستەك قىلىۋالغان بولسا،دەسلەپكى چاغلاردا بولسىمۇ دىگەنلىرىنى ئانچە مۇنچە ئورۇنداپ بەرگەن بولسا،تىرناقچىلىك بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىپ بېرەلىگەن بولسا،ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغدىكى ئاڭ-سەۋىيىسى بويىچە ئۇنىڭ بۇ ياخشىلىقلىرىغا جېنى بىلەن رەھمەت ئېتقان بولار ئىدى،لېكىن ئەھۋال ئەكسىچە،ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلار جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرغان.
ياقۇببەگنى يوقاتقىلى چىققان زوزۇڭتاڭ بولسا جاي-جايلاردا قارشى ئېلىۋېلىنغان،بىرىنجى ئۆتەڭ بولمىش قومۇل بولسا ،كېيىنچە ئىچكىرىدىن قېچىپ ياقۇببەگگە قوشۇلۇۋالغان تۇڭگان بەييەنخۇنىڭ قىسىملىرى تەرىپىدىن قەتلىئام قىلىۋېتىلگەن،خەلقى يۇرت-يۇرتلارغا پىتراپ كەتكەن،زوزۇڭتاك قومۇللۇقلارنى يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ قايتىدىن شەھەر قىلغان،ئاقسۇدا بولسا نەچچە مىڭ شەھەر خەلقى مۈرىلىرىگە ئاشلىق يۈدۈپ مۇزداۋاندىن پىيادە ئېشىپ زوزۇڭتاڭ ئەسكەرلىرىگە ئاشلىق توشۇپ بەرگەن،ئەگەر بۇ ئىشنى زورلانغان دەيلى،ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر قوشۇن ئۆتۈپ باقمىغان شۇنداق بىر داۋاندىن ئاشلىق يۈدۈپ ئۆتىسەن دېسە،نەچچە مىڭ كىشى ئەلۋەتتە <كۆتۈر قاسقىنىڭنى،بەرىبىر ئۆلۈم ئىكەن>دەپ سۇلالە چېرىكلىرىگە مۇش كۆتۈرگەن بولار ئىدى،لېكىن ئۇنداق قىلمىغان؟سىزلەرچە بۇ نىمە ئۈچۈن بولغاي؟مەن بولسام بۇنى ئاقسۇ خەلقىنىڭ ياقۇببەگگە چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن دەپ چۈشەندىم،،،
ئازادلىق ئارمىيە نىمە ئۈچۈن شىنجاڭغا شۇنچىلىك ئوڭۇشلۇق كىرەلەيدۇ؟شۇ چاغدىكى سىياسى ۋەزىيەت دەرسىزلەر بەلكىم،لېكىن روزۋېلىت سىتالىنلار ئىشخانىسىدا ئولتۇرىۋېلىپ،شىنجاڭنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بەلگىلىيەلىسىمۇ،شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئاھالىلىرى بولمىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنى،ئۇلارنىڭ تاياق-توقماقلىرىنى باشقۇرالامدۇ؟باشقۇرالمايدۇ.ئازادلىق ئارمىيە شىنجاڭغا كىرە-كىرمەيلا ھەرخىل خەلق كۆڭلىنى مايل قىلىدىغان سىياسەتلەرنى ئېلان قىلدى.<بىز بۇرۇندىن شىنجاڭ خەلقىنىڭ قان-قەرزىگە بوغۇلغان چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ قەرزىنى تۆلىگىلى كەلدۇق،شىنجاڭ خەلقىگە ياخشى ئىش قىلىپ بەرگىلى كەلدۇق،>دېدى،نامراتلارغا يەر بەردى،مەيلى قانداق بولمىسۇن ھەقىقەتەن خەلق كۆڭلىنى ئۇتتى.
ئىككى ئارىدا ناھايىتى 80يىلدەكلا ۋاقت بار،ئۇ ۋاقتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ-سەۋىيىسىدە ھېچقانچىلىك يۈكسىلىش بولمىغان،لېكىن ياقۇپبەگ زامانىسىدا بولسىمۇ،بىر ئىش ئېنىقكى،يەرلىك ئاھالىلەر بولمىش ئۇيغۇرلار ياخشى كۈنگە،ياخشى سىياسەتلەرگە شۇنچىلىك تەشنا،كىمىكى موشۇ تەشنالىقىنى تەمىن ئېتەلىسە ئېنىقلا شۇكىشى ۋە شۇ كىشىنىڭ تەختى ئۈچۈن جېنىنى سېلىشقا رازى ئىدى.لېكىن ئۇيغۇرلار ياقۇببەگگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جانلىرىنى ئايىمىغان،بۇنىڭدىن كۆرىۋالالايمىز،شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ زور شۇنداقلا ئەڭ ئاددىي ئارزۇسى قاندۇرۇلمايلا قالماي بەلكى تېخىمۇ ئەكسىچە بولغان!يەنە ئۆزىڭىزلەر ئويلاپ بېقىڭىزلار ئۇ بىر قەھرىمان ئىكەنمۇ؟
<قەشقەرىيە>نى مەنمۇ ئوقۇغان،باشتىن ئاخىرى كىتابتىن بىر خىل بۇرۇقتۇمۇلۇق،قەشقەرىيەگە بولغان چۈشكۈنلۈك ،ئاھالىلەرنىڭ تولىمۇ ئېغىر كۈنلەردە ئىكەنلىكى،پايلاقچى جاسۇسلارنىڭ دەستىدىن بەخۈدۈكمۇ يۈرەلمەيدىغانلىقى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.....
موشۇنداق كىشىنى يەنە <قەھرىمان>دەمدۇق؟ |
|