- تىزىملاتقان
- 2011-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-2-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9709
- نادىر
- 0
- يازما
- 454
ئۆسۈش
  94.18%
|
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى nohدە2013-02-21 16:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تارخان ....................................ئەپەندىم
مەن «قەشقىرىيە»دىگەن كىتاپتىن زوزوڭتاڭ شىنجاڭغا كىرگەندە شىمالى شىنجاڭدە مىسلىسىز قەتلىئام يۇرگۇزگەن پەقەت ئىلى ،تۇرپان.ئۇرۇمچى.قۇمۇلدا ئاندا -ساندا ئادەملەرنى ئۇچراتقىلى بۇلاتتى،جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقى ئوز ھاياتىنى سىقلاپ قىلىش ئۇچۇن ياقۇپبەكتىن يۇز ئورۇپ ئۇنىڭغا قارشى چىققان دەپ ئوقۇغان.ئەمىلىيەتتىمۇ شىمالدا ھازىر ئۇيغۇرلار ئاز،بولسىمۇ تولىسى جەنۇپتىن كوچۇپ چىققانلار،سىزدىن سوراپ باقاي ئەينى چاغدىكى ئىدۇقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ ئادەملىرى نەگە كەتكەندۇ؟ئۇ كىتاپتا يىزىلىشىچە ئەينى چاغدا شىنجاڭنىڭ نوپۇسى ئۇچ مىليونكەن،شىمالدا زوزوڭتاڭ بىر مىليون بەشيۇزمىڭنى قەتلىئام قىلغان ،بۇنىڭغا نىما دەيسىزكىن؟
ئۇ بىرمىليون بەشيۈزمىڭ قەتلىئامغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ھەرگىز زوزۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭدا بولغان ئىككى-ئۈچ يىلىدا يۈز بەرگەن ئىش ئەمەس،قارا تاغلىق خوجىلار چىڭ چېرىكلىرىنى شىنجاڭغا باشلاپ چىقىپ،خەلقنى شىلىغاندىن باشلاپ تاكى مەنچىڭ ئاغدۇرۇلغىچە بولغان ئىككى يۈزيىلغىچە ۋاقىتتا جەمئىي بىر مىليون بەش يۈز مىڭ دەك ئۇيغۇرلار ،شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەرخىل دىھانلار قوزغىلىڭى قاتنىشىش،چېرىكلەرنىڭ باستۇرۇشى ،شەھەرنى قەتلىئام قىلىشى قاتارلىق جەريانلاردا قىرغىن بولغان شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ تەخمىنى سانى!
بۇ بىر يېرىم مىليون دىگەن ساننى خاتالاشمىسام <كىچىك ئەيسا> بېيجىڭ يوقىرى قاتلاملىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە تىلغا ئالغان،شۇنداقلا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ۋاقىتلاردىكى قىرغىن بولغان ئومومىي سان دېيىلگەن،مېنىڭچە ئۇ كىشىنىڭ دېگىنىگە ئىشىنىشكە بولىدۇ..ھەرگىزمۇ زوزۇڭتاڭ بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشى ئەمەس،مەن بۇنى دەپ زوزۇڭتاڭنى <قەھرىمان>دېمەكچى ياكى ئۇنى ياخشى كىشى دىمەكچى ئەمەس،ئۇ پەقەت چوڭ جاللاتنى يوقاتقان كىچىك جاللات خالاس.... |
|