- تىزىملاتقان
- 2013-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3580
- نادىر
- 0
- يازما
- 222
ئۆسۈش
![](./media/expl.gif) ![](./media/expc.gif) 52.67%
|
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مۇنداق بىر ھېكايەتنى ئاڭلىغانىدىم .
بىر قانچە تەتقىقاتچى مۇنداق بىر ئادەملەرنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ ، بىر پارچە ئاق قەغەزگە بىر چەمبەر سىزىپ ئۇنى ئالدى بىلەن يەسلىدىكى كىچىك بالىلارنىڭ ئالدىغا ئەكىرىپ سوراپتۇ :
___ ئوماق بالىلار ! قاراڭلار ، بۇ نىمە ؟. بالىلار بەس - بەستە جاۋاب بېرىپتۇ .
___ تاۋۇز ! ، شار ! ، تۇۋاق ! ، كۈن ( قۇياش دىمەكچى ) ، تەخسە ! ، ئادەمنىڭ بېشى ! ، كۆز ! ، چاق ! ، كىسىۋەتكەن ياغاچ ! ، داس ! ......
تەتقىقاتچىلار ئۇ يەردىن چىقىپ باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ سوراپتۇ . ئۇ بالىلار يەسلى بالىلىرى جاۋاب بەرگەننىڭ 2\3 قىسمىچىلىك جاۋاب بېرەلەپتۇ . تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن سورىسا ئۇلار يەسلىدىكىلەرنىڭ 1\3 چىلىكلا جاۋاب بېرىپتۇ . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا :
__ بۇ پەقەت چەمبەر ! باشقا ھېچنىمە ئەمەس ! __ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . ئۇلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن سورىغانىكەن ، ئۇلار :
___ سىلەر بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتىسىلەر ، بىز بۇنداق ئاددى سۇئالغا جاۋاب بەرمەيمىز ! __ دەپتۇ . تەتقىقاتچىلار ئاخىر خىزمەتكە چىقىپ بولغانلاردىن سوراپ كۆرمەك بولۇپ مەلۇم بىر ئىدارىغا كىرىپ قارىسا ھەممەيلەن بىر زالدىن يىغىن ئاڭلاپ چىقىۋاتقانىكەن . ئۇلار :
___ دەپ بېقىڭلارچۇ ، بۇ زادى نىمە ؟ . بۇ چاغدا كىشىلەر دەپتۇ :
___ بىز... بۇنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيمىز ، بىزنىڭ باشلىق كەينىمىزدىن چىقىۋاتىدۇ ، بۇ ، ئاشۇ باشلىق نىمە دىسە شۇ ! __ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
مانا بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ مەھسۇلى ! مانا بىزنىڭ ھاماقەتلىكىمىزنىڭ نەتىجىسى ! ئەسلىدىكى بىر ئوبدان بالىنى شۇنداق ماشىنا ئادەمگە ئايلاندۇرىۋاتىمىز _ دە !!
ھەي ......! |
|