- تىزىملاتقان
- 2012-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2196
- نادىر
- 0
- يازما
- 92
ئۆسۈش
  6.53%
|
باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان چىقىغىمدا ، ئەدەبىيات دەرسىدە مۇئەللىم مەلۇم بىر ماقالىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرگەندىن كىيىن ، بۇ ماقالىنىڭ مەركىزى ئىددىيەسى نىمە ، مۇھىم نۇقتىسى نىمە دىگەنلەرنى بىزگە كونسىپك قىلىپ يازغۇزاتتى ، ئاندىن ئىمتھانلاردا بىز چوقۇم مۇئەللىم ئىيتىپ بەرگەن مەزمۇنلارنى يىزىشىم لازىم ئىدى ، ئۆزىمىز پىكىر يۈزگۈزۈپ ،كونسىپىكتىكى مەزمۇن بويىچە يازمىساق ، نۇمۇر بەرمەيتى. مەسلەن سۇۋادان تىرەك دەپ بىر ئەسەر بولىدىغان ، ماۋدۇن يازغانغۇ دەيمەن .
بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ مانا مۇشۇنداق تەربىيە ئالدۇق ، باللىمىرىمىزمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە تەربىيىلىۋاتىدۇ ، بىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز پەقەت مۇئەللىم بىكىتىپ بەرگەن مەركىزى ئىددىيە بويىچە چەكىلىنىپ قالغان ، ئۆزىمىز تەپەككۇر قىلىپ يىڭىچە بىر قاراشنى ئوتتۇرغا قويساق ، ھەممەيلەن بىزنى دۇمبالايدۇ . مانا بۇ جوڭگو مارىپى ، پۈتۈنلەي تۈگەشكەن جوڭگو مارىپى . |
|