قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5196|ئىنكاس: 48

[ دولان ] مائارىپنىڭ مەقسىدى نىمە؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قادىر رۇزى دولان

94

تېما

3

دوست

4406

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11813
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 974
تۆھپە : 660
توردىكى ۋاقتى: 484
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 21:05:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپنىڭ مەقسىدى نىمە؟


   قائىدە بۇيىچە ئېيىتقاندا مائارىپ ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس. ئىنسانىيەت ئاپىرىدە بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە مەكتەپمۇ، مائارىپمۇ يوق ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل-پاراسېتى يوقۇرى دەرىجىدە تەرەققىي قېلىپ، ئاخېرى دۇنياغاخۇجا بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىز كۆرگەن مەكتەپ ۋە مائارىپ پەيدا بولغان. مائارىپنىڭ مەخسىدى پەقەت ئېنسانىيەتنىڭ  ئەقىل-پاراسېتىنى يوقۇرى كۆتىرىپ، ياشاش ئېقتىدارىغا كاپالەتلىك قېلىشتىن ئبارەت. ئۇنداق بولمايدىكەن بىز يەنە ئۆزىمىزنى ئىنسان دىيەلەمدۇق؟
  ئەنگىلىيە مائارىپىنى ئاۋام ئەڭ ياخشى مائارىپ دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ ئاساسىي مەخسىدى سىپكېنىس ئېيىتقاندەك « مائارىپنىڭ ۋەزىپىسى ۋە نىشانى، كۇڭۇلدىكېدەك تۇرمۇش ئۇچۇن تەييارلىق قېلىش ».
  بىراق بىز بىلىپ-بېلمەي مائارىپنى خاراپ قىلدۇق.ھازىرقى مائارىپنىڭ بوزۇلىشىغا ئاساس كۆرسېتىش بىھاجەت، بۇ ھەممە ئادەم ۋە ھەممە ئائىلە ھېس قىلىپ يەتكەن مەسىلە، جەمىيېتىمىزدىكى ھەممە كىشى مائارىپنىڭ قۇل قېلىشى ۋە پەرزەنتىنىڭ خاراپ بولىشىغا ئىلاجسىز قېلىۋاتىدۇ.
  جاڭسۇ تىلىۋىزىيىسىنىڭ مائارىپ پىرگوراممىسىدائوقوغۇچىلارنىڭ خاراپ بولۇپ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقىنى كۆرەلەيمىز، بۇپىرگورامما كۆرسىتىلگەندىن بويان، مەيلى قېز-ئوغۇل ئوقوغۇچى، مەيلى خىزمەتتىكى ياكى ئوقۇۋاتقان بولسۇن ياكى ماگېستېر ياكى دوكتۇر بولسۇن بۇنىڭغا ئەزا بولغان،بۇلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئاز ساندىكى نۇرمال بالىلاردىن باشقا، كۆپ قېسىم بالىلار ھاماقەت، ئېددىيىسى قالايمىقان، تەپەككۇرى ئاجېز، ئىنكاسى تۇۋەن، بېلىمى كەمچېل، ئۆزىنى تۇۋەن چاغلاش، مۇستەقىل خەرەكتىرى يېتىلمەي خۇددى كوندۇرىلگەن قونچاققا ئوخشاپ قالغان، تەۋەككۇلچىلىك ئىندىيىسىدىن سۆز ئېچىش بەسى مۇشكۇل ئىكەن.
  ئاشۇ پىرگوراممىغا قاتناشقان كۆرىيە، تايلانىد،فارانسىيە، ئامىرېكا قاتارلىق چەتئەللىك بالىلار گەرچە خەنزۇچىنى راۋان سۆزلىيەلمىسىمۇ، بىراق شۇنداق روھلۇق، ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە قاراشقا ئىگە. ئۇلارنىمە ئۇچۈن كەلگەنلىگى، نىمە ئېش قىلىدىغىنى، غايىسى قاتارلىقلارنى چۇچۈك تىل بىلەن تولىمۇ جانلىق چۇشەندۇرىدۇ، ئۇلار يەنە رىياسەتچىدىن قورقماي سوئال سورىيالايدۇ، بەزىدە تېخى « ئۆلچەملىك جاۋاپقا » ئادەتلەنگەن رىياسەتچىنىمۇ ئۇسال قېلىپ قويىدۇ. ئۇلار ھەر خېل نەسېھەت چەمبېرېكى، ئەخمىقانە ئېلھاملاندۇرىش،يىتەكلەش، تەدبىھ بىرىش، ھەر خېل تەپەككۇر بويۇنتورىقې، تايېنىۋەلىش، ئۆلچەملىكجاۋاپ ئاسارىتىدىن خالى بولغان ئەركىن مائارېپ شارايېتىدا تەربېيە ئالغان، ئۇلاردىپلۇم ئۇچىن، خىزمەت ئۇچىن، ھوقوق ئۇچىن ئەمەس بەلكى كېشىلىك قەدىرقېممەت ئۇچىنئېنتىلدىغان ئەركىن قاراشقا ئېگە بالىلار، ئۇلار كىشىلىك قەدىر-قېممەت ھەممىدىنئۇستىن، ئېنسان يارىلىشتىن باپ-باراۋەر دىگەن يۇكسەك شارايېتتا چوڭ بولغان.
  بۇ پىرىگورامما كىشىلەرنى باشقېچە بىرتەپەككۇرغا يىتەكلەيدۇ، ئەسلى مۇشۇنداق ئۆزگىچە قاراشقا ئېگە بولغان بالىلارمىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭ كەلگۇسى بولالايدۇ ئەلۋەتتە. ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرىساچىر خانىم، جوڭگو تەھدىت نەزىرىيىسى ئۇستىدە توختالغاندا « جوڭگو قورقىنىشلىق ئەمەس، ئۇلار تىلىۋىزور ئېكېسپورىت قىلسىمۇ بىراق تىلىۋىزور پورىگىراممىسىئېكېسپورىت قېلالمايدۇ » دىگەن. بىز بۇ گەپكە غەزەپلەنسەكمۇ، شۇنى ئېتراپ قىلماي بولمايدۇكى ئۇ بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ ئاجىزلېقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بىزنىڭ مائارىپىمىزنۆۋەتتە بالىلارنىڭ ئوقۇش ئېقتىدارى، چۇشىنىش ئېقتېدارى، گۇمان قېلىش ئېقتېدارى،سۇئال سوراش ئېقتېدارى ھەمدە تەسەۋۋۇر قېلىش كۇچى ۋە ئېجاتچانلىق كۇچى، بالىلىقھەۋەس ۋە بالېلىق شوخلىقېنى نابۇت قېلىۋەتتى. بىز كىچىكلىكتىن چوڭ بولغىچە جاپاچېكېمىز، مەكتەپتە نەزىرىيە بىلىم ئۇگېنىمىز، جەمىيەتكە چىقېپ جەمىيەت بىلېمىئۇگېنىمىز، ئاۋال ئاشكارە قائىدېنى ئاندىن يۇشۇرېن قائىدىلەرنى ئۇگېنىمىز،ئاشۇنداق ئۇگېنىپ ھەقېقەتنى چۇشىنىپ بولغىچە قويرېقېمىزنى قۇم باسېدۇ. خۇددىكونىلار « نىيەت بارچاغدا غەيرەت يوق، غەيرەت بارچاغدا يۇرەك يوق، غەيرەت ۋە يۇرەكبار بولغاندا جۇرئەت يوقلىقېنى ھىس قېلىسەن » دىگەندەك. بۇ ئېنسان ئۇچىن نىمەدىگەن ئەلەم ؟.
  مائارىپ ئۇنچىلىك مۇرەككەپ ئەمەس. پەقەت بالىلارنى ئەركېن تەپەككۇر، گۇمانتارلىق نوقتى-نەزەر، تەۋەلكۇلچىلىك روھى ۋە ئۆز قېزېقېشى بويىچە يېتەكلەپ، دوگما بولغان « ئۆلچەملىك جاۋاپ » دۇنياسى، كىتاپ دوۋىسى، قولمىجەزلىك ئەۋلات تەربىيەلەش ئاسارېتى، ئېمتىھان كېشەنلىرىدىن قوتقۇزىپ، ئېنسانى ياشاش ئېستېگېنى تورغۇزىشتىن ئېبارەت. مانىبۇ مائارىپنىڭ مەخسىدى.


چى لى ئېمزالىقېدىكى بۇ يازما « فىلياتون تاللانما ژورنىلى » نىڭ 2012-يىلى 7-ئايلىق 3-سانىغابېسىلغان.
تېلماچ: قادىر روزى دولان
 ئادرىس: مەكىت ناھىيەلىك چارۋىچىلىق ئېدارېسى.

3

تېما

0

دوست

1719

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12255
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 419
تۆھپە : 239
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 23:20:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ماقالىلەرنى مائارىپ مىنىستىرلىگى ،مائارىپ نازارىتى .....................رەھبەر لىك قاتلىمىدىكىلەر كۆرۈپ ئۆگەنسىكەن دەيمەن
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

1248

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13593
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 291
تۆھپە : 193
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 23:43:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ تىزراق ئويلىشىشقا تىگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. ئەمما ئەپسۇس ئۇلار..........      

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.99%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2586
تۆھپە : 1562
توردىكى ۋاقتى: 639
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 23:44:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازما ئىگىسى ھارماڭ !

«گۇمانتارلىق  » دىگەن سۆزنى چۈشىنىشلىك قىلىپ ئادىمىيلىك دەپ ئالساق توغرا بۇلارمۇ ؟

قادىر رۇزى دولان

94

تېما

3

دوست

4406

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11813
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 974
تۆھپە : 660
توردىكى ۋاقتى: 484
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 00:30:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك مۇنبەر باشقورغۇچىلار
  مۇنبەرگە يوللىغانئەسەر، مۇنبەرگە چىققاندىن كېيىن ئېملا جەھەتتە خاتالىق كۆرىلىپ قاپتۇ،مۇنبەرداشلارنىڭ ئوقوشىغا قولاي بولىشى ئۇچىن، تۇزىتىپ قايتا چىقارغىلى بولارمۇ؟
 كامالى ئېھتىرامبىلەن قادىر روزى دولان

0

تېما

0

دوست

889

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   77.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13175
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 125
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 00:55:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر بىز چەتئەل مائارىپىنى قوللىنىپ بالا تەربىيىلىسەك باللىرىمىز كاپىتالىزىم يولىغا مىڭىپ قالمامدۇ؟

6

تېما

4

دوست

8329

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   66.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4158
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1695
تۆھپە : 1383
توردىكى ۋاقتى: 241
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 01:05:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپنىڭ مەقسىدى نىمە؟-دەمسىز ؟بىر قېلىپتا قۇيغاندەك،مېڭىسىگە قاچىلانغىنى بويىچە مەشغۇلات قىلىدىغان ماشىنا سىمان ئادەملەرنى تەربىيلەش.

27

تېما

1

دوست

3165

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 680
تۆھپە : 527
توردىكى ۋاقتى: 247
سائەت
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 06:03:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسلىدە ھەممە ئىشنىڭ بىر مەقسىدى بولغاندەك مائارىپنىڭمۇ ئېنىق بىر مەخسىدى بار ئىدى. ئەمما بۇ 60 يىل مابەينىدە بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مىللى مائارىپىمىز بولمىدى. مانا ئەمدى ئاشۇ كۆرۈنۈشكە تۈزۈلگەن مائارىپىمىزمۇ قوش تىللىق مائارىپقا ئۆزگەردى. بۇ دېگەنلىك 2020- يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇر مائارىپى دېگەن نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ ئەگەر بولسىمۇ بۇ مائارىپنى ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەت بولمىغاچقا بۇ مائارىپ يوقۇلىدۇ دېگەن گەپ.
    بىزنىڭ ھازىردىن باشلاپ قىلىدىغىنىمىز ئىنتېرنەت، مۇنبەرلەردە مىللى مائارىپىمىز قوشتىللىق مائارىپقا ئۆزگىرىپ كەتتى، ئۇيغۇر تىلىمىز ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى، مىللى ئۆرپ ئادەتلىرىمىز يوقۇلۇشقا قاراپ يۈز تۇتتى، تۆۋەندىكى كادىرلار ئانداق، قانۇن مۇنداق... دەپ ۋاقىت ئۆتكەزمەسلىك لازىم. كادىرلار، مائارىپچىلار، زىيالىلار، ئوقۇغۇچىلار... ھەممە ساھەدىكى كىشىلەر ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئانا تىل، دىنىمىز، ۋە مىللى مائارىپىمىزنى قوغداش توغۇرلۇق ئېنىق ۋە كەسكىن بىر چارە تاپماق لازىم. بولمىسا 10 يىلدىن كېيىن ھازىرقى بىزلەر خەلقارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن "نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان" دېگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىلىپ ئاستا، ئاستا ئۆلۈپ تۈگەيمىز. ئەگەر بىزنىڭ ئىچىمىزدىن چىققان يۇقارقى بىلىملىك كىشىلىرىمىز ئېنىق بىر ھەركەت قىلمىسا بىزگە ھىچكىم كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ھىچكىممۇ ياردەم قىلمايدۇ. مەنە بۇ مېنىڭ شەخسى چۈشەنچىم.

0

تېما

0

دوست

2731

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10070
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 645
تۆھپە : 404
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 11:11:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مىللى مائارىپنىڭ مەقسىدىنى مەنمۇ چۈشەنمەيمەن .

5

تېما

0

دوست

1381

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9153
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 238
تۆھپە : 269
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 13:08:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان چىقىغىمدا ، ئەدەبىيات دەرسىدە مۇئەللىم مەلۇم بىر ماقالىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرگەندىن كىيىن ، بۇ ماقالىنىڭ مەركىزى ئىددىيەسى نىمە ، مۇھىم نۇقتىسى نىمە دىگەنلەرنى بىزگە كونسىپك قىلىپ يازغۇزاتتى ، ئاندىن ئىمتھانلاردا بىز چوقۇم مۇئەللىم ئىيتىپ بەرگەن مەزمۇنلارنى يىزىشىم لازىم ئىدى ، ئۆزىمىز پىكىر يۈزگۈزۈپ ،كونسىپىكتىكى مەزمۇن بويىچە يازمىساق ، نۇمۇر بەرمەيتى. مەسلەن سۇۋادان تىرەك دەپ بىر ئەسەر بولىدىغان ، ماۋدۇن يازغانغۇ دەيمەن .
بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ مانا مۇشۇنداق تەربىيە ئالدۇق ، باللىمىرىمىزمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە تەربىيىلىۋاتىدۇ ، بىزنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز پەقەت مۇئەللىم بىكىتىپ بەرگەن مەركىزى ئىددىيە بويىچە چەكىلىنىپ قالغان ، ئۆزىمىز تەپەككۇر قىلىپ يىڭىچە بىر قاراشنى ئوتتۇرغا قويساق ، ھەممەيلەن بىزنى دۇمبالايدۇ . مانا بۇ جوڭگو مارىپى ، پۈتۈنلەي تۈگەشكەن جوڭگو مارىپى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )