- تىزىملاتقان
- 2011-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1665
- نادىر
- 0
- يازما
- 114
ئۆسۈش
  4.71%
|
بۇ مەزمۇن 47قەۋەتتىكى kurdaxدە2013-01-13 02:48يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاخباراتچىلارنى تازا چۈشەنمەيدىغان دوستلىرىمىزمۇ باردەك قىلىدۇ، خەن مۇخبىرلارغا قارىغاندا بىز ئۇيغۇر مۇخبىرلار ناھەقچىلىك ئىشلاردا بەكەرەك كۈچەيمىز، مەسىلەن: تۇرپاندا يۈز بەرگەن«ئانىسىنى خورلىغان ئايال»، «كەنت بالىلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولدى»، دېھقاننىڭ يېرىنى بىھۇدە ئېلىۋالغانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن«باياندايدىكى يەر مۇھەككەلىرى»،بۈگۈردە كېسەل بولۇپ قالغان خوتۇنىنى تاشلىۋەتكەن «ۋاپاسىز ئەر»، كورلىدا توختامسىز ئىشچى ئىشلىتىپ كىشىنى قاقشاتقان«قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ھۆنەرلىرى»........قاتارلىق نۇرغۇن نادىر فىلىملەرنى ئىشلەپ، ئاۋامنىڭ مەنپەئەتىنى ئاخبارات ۋاستلىرى ئارقىلىق قوغدىغان ۋە رەزىللىكنى قامچىلىغان فىلىملەر شۇ بىزدەك جاپاكەش مۇخبىرلارنىڭ ئەجرىدىن كەلگەن، ھېلىمۇھەم تىرىشماقتىمىز، شۇڭا بەزى تورداشلىرىمىز گەپ-سۆزنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپراق قىلسا دەيدىغان ئۈمۈتتىمەن، گېزىت-ژورنال ئوقۇيلى، رادىيو-تېلېۋىزۇر كۆرەيلى، مۇخبىرنىڭ كەسپى ئەخلەق مىزانى بار، يالغاننى راست، راستنى يالغان قىلىدىغان ھەددىمىز ئەمەس! بىزگىمۇ تۇرمۇش كېرەك، بىرىدە خاتا بولسا، بىزگىمۇ تۈزۈم بويىچە كەلگۈلۈك كېلىدۇ، جازالىنىمىز. شۇڭا مەن تورداشلارنىڭ ئاساسسىز سۆزلىمەسلىكىنى سەمىمىي ئۈمۈت قىلىمەن! بۇ دېلونىمۇ يوقۇرقى فىلىملەرنى ئىشلىگەندەك ، پاكىتنى ئاساس قىلىپ ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىشقا تىرىشىمىز!!
سىزگە ئوخشاش خەلقنىڭ ئاھىنى ئاخبارات يۈزىدىن ئورۇن ئالدۇرغان مۇخبىرلارغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر. بىز سىز تەشەببۇس قىلغاندەك گىزىت-ژورنال ئوقۇيمىز، رادىئو-تىلىۋىزور كۆرىمىز. دائىملا كۆرىدىغىنىمىز <<خەلق تۇرمۇشى ئانداق ياخشىلاندى، تەرەققى قىلدۇق، داۋالىنىشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولدى، ..............>> دىگەنگە ئوخشاش مەدىھىيە سۆزلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ كەلدى. جەمىيەتتىكى بىر قىسىم سەلبىي ھادىسىلەرنى خەۋەر قىلىدىغان تەرەپلەر يوق دىيەرلىك.
يېقىندا ئىككى خەۋەر كۆردۈم: بىرى <<مەركىزىي تىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى بىر قەغەز ياساش زاۋۇدىنىڭ كىرەكسىز سۇ چىقىرىش ئەھۋالىنى سۈرەتكە ئالغىلى بارغاندا تاياق يىدى>> دىگەن خەۋەر . بۇ مەملىكەت خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلدى. يەنە بىرى <<شىنجاڭ تىلىۋىىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى غۇلجىغا بارماقچى بولۇپ، ئايدۇرۇمدا 7 سائەتكە يىقىن تۇرۇپ قالدى>> دىگەن خەۋەر. بۇ شىنجاڭ خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلدى.
بۇ خەۋەرلەر تىلىۋىزوردا كۆرسىتىلگەندىن كىيىن قەغەز ياساش زاۋۇدى، ئاۋىئاتسىيە شىركىتى قاتارلىقلارغا مۈئەييەن چارە كۆرۈلدى.
جەمىيەتتىكى بۇنداق سەلبىي ھادىسىلەرنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن جەمىيەتتىكى نۇرغۇن قىسمەتلەر مۇخبىرلارنىڭ بىشىغىلا كېلىشى كىرەكمۇ؟!!! |
|