- تىزىملاتقان
- 2012-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13721
- نادىر
- 0
- يازما
- 595
ئۆسۈش
  9.3%
|
بۇ مەزمۇن 12قەۋەتتىكى bagdax27دە2013-01-10 19:55يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھازىردارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئۇلۇغ ئاللاھتىن سەبىر تىلەيمەن،
ھازىدار بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئۇچۇرغان كەچمىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدىكەن ..
ئايالىم ساق قالدى ، لېكىن قىزىمغا بۇ نىسىپ بولمىدى..
ئاللاھ ئىگەمگە كۆپ تەشەككۈر .
شۇ كۇندىكى كەچمىشلىرىمىنى يېزىپ بولۇپ ئۈچۇرۋەتتىم ،، بۇ كۈندىكى ئىشلارنى يېزىشقا قۇلۇممۇ بارمىدى ، ئادەم دىگەنگە ھەر قسما ئىشلار ئۈچرايدىكەن.
.......
<<پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش>>مەن بۇ توغرىسىدىكى قارىشىمنى قىسقىچە ئوتۇرىغا قويۇپ باقاي: بۇ بىر رېياللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قۇرۇق گەپ، ئەمەلىشىشى تارىخىتىن بۇيان يۈزدە بىر پېرسەنتمۇ ئەمەس. سەۋەپ؛ كشى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن ( باشقىلار ئۈچۈن) ئىشلىسە ئۆزى قانداق قىلىدۇ؟ بۇ گەپنىڭ خام مەنىسى يەنى ھەقىقى مەنىسى : ئىشلىگەن ئادەم ھىچقانداق ھەق ئالماسلىقى ، مۇئاش ئالماسلىقى ، بىكادىن بىكاغىلا خەققە ئىشلىشى كېرەك دىگەنلىك . مېنىڭ شۇئارىم ؛ئەڭ ئاۋال ئادەم ھەممە جەھەتتە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى كېرەك. چۈنكى ئەڭ ئاۋال يۇرت ماكانلار بىر ئادەم يەنى ''مەن''دىن كۆپۈيۈپ بارا بارا مەھەللە، يۇرت ،ماكان، دۆلەت شەكىللەنگەن ، شۇڭا ئۆزىڭىزنى قۇدرەت تاپقۇزغاندىلا ئاندىن باشقىلارغا ياردەم قىلالايسىز، ياۋروپا ئەللىرىدە '' مەن'' ھەممىدىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويىلىدۇ، مانا بۇ كىشى تەپەككۇرىغا ئۇيغۇن ئۇقۇمدۇر. ئۇلارنىڭ خەت ئالاقىسىغا قاراپ باقايلى، ئۇ يەردە لىپاپنىڭ ئۈستىگە مۇنداق يېزىلىدۇ: بۇ يەردە ئەسلى خەت زادى كىمگە تېگىدۇ دىگەن مەسىلە ئالدىنقى ئورۇنغا قويىلىدۇ. مەسىلەن بىز بۇ ماكانىمىزدا مۇنداق يازىمىز<< قەشقەر ۋىلا يىتى ئاقتۇ ناھيىسى كادىرلار ئىدارىسىدىكى ئارسلانغا تېگىدۇ>> ، ياۋروپادا << ئارسلانغا تېگىدۇ ،كادىرلار ئىدارىسى، ئاقتۇ ناھيىسى، قەشقەر ۋىلايىتى >> دەپ ، مانا شۇنچىلىك خەت-چەكتىمۇ ، ئەڭ ئاۋال بىر ئادەمنىڭ ئاۋال بار بولغانلىقىدىن ئاندىن چوڭ ماكانلارنىڭ بەرپا بولىدىغانلىقىدەك ھەقىقەت ئوخچۇپ تۇرىدۇ.
شۇڭا دۆلىتىمىز سىياسىيونلىرىنىڭ بۇ بىر شۇئارنى بۇ شەكىلدە ئوتۇرىغا قويماي ، ئاقىدىغان گەپنى قىلىپ قول ئىلكىدە بارلارنى مەزلۇملارغا ، ناتىۋانلارغا كۆپلەپ ياردەم قىلىشقا دەۋەت قىلىشىلا ئەقىلغە مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. |
|