- تىزىملاتقان
- 2012-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1901
- نادىر
- 0
- يازما
- 89
ئۆسۈش
11.46%
|
ئۆتكەن ئايدا تۇغۇلغىنىغا 40 كۈن بولغان نەۋرە ئۇكام دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى، تۇيۇقسىز بايقالغاچقا كېسىلى بەك ئېغىر ، يېرىم كېچىدە دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردۇق، ئۆپكە ياللۇغى بوپتۇ، كەچ بولغاچقا كېسەل كارىۋىتى يوق، بالىنى ئاز تولا تەكشۈرەپ قويۇپ كارىۋات ئىزدەتتى، يېرىم كېچە، 1-قەۋەت بىلەن 4- قەۋەت ئارلىقىدا بالىنى يۆتكەپ يۈردۇق ، تەلىيىمىزگە كارىۋات چىقتى، ئاندىن تەكشۈرۈشنى باشلىدى، بالىنىڭ ئەچۋالى بەك ئېغىر ئىدى، بىراق بىر قانچىلىغان قان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى چىققۇچە ھېچقانداق داۋالاش ئېلىپ بارمىدى، ئوكۇلمۇ سالمىدى، بالىنىڭ يۈز كۆزى كۆكىرىپ يىغلىغىدەكمۇ مادارى يوق، ھەتتا قان ئالغاندىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى، بۇنى كۆرۈپ ھەممىمىز يىغلاپ كەتتۇق، بالىنىڭ نەچچە قېتىم نەپسى توختاپ قالدى، بۇ ۋاقىتتا بىر دوختۇر داۋالاشقا ھەمكارلىشىش يوق يۈگۈرگىنىچە كېسەللىك ئېغىرلاشقانلىق ئۇقتۇرىشى يازغىلى چىقىپ كەتتى، ياقامنى تۇتۇپ قاپتىمەن، بىر جان ھايات ماماتلىق پەيىتتە تۇرغاندا دوختۇر تۇرۇپ مەسئولىيىتىنى ئادا قىلىش يوق، مەسئولىيەتتىن قېچىش ئۈچۈن، يەنى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئىسپات تەييارلىدى، ئېغىېر كېسەللىك ئۇقتۇرىشىنى ئوقۇپ باقتىم ، بالىنىڭ كېسىلىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىېر ئىكەنلىكى، دوختۇرلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تىرىشقانلىقىنى، بىراق كېسىلى ئېغىر بولغاچقا قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلار ئىكەن، ئۇلار كىچىك دادامنى ئىمزا قويۇشقا بۇيرىدى، كىچىك دادام گەپ سۆزسىز ئىمزا قويدى، ئەمەلىيەتتە كىچىك دادامنىڭ ئىمزا قويغىنى ئۆز يۈرەك پارىسىنىڭ ئۆلۈم خېتى ئىدى، بىراق كىچىك دادام پەرۋا قىلمىدى، چۈنكى ئۇ جاننى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بەرگەنلىكىگە ئىشىنەتتى. خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلار داۋالاش تەدبىرلىرى قوللاندى، بۇ جەرياندا ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتتى، داۋالاش تەدبىرى قوللىنىپ ئىككى سائەتتىن ئۆتكەندىن كېيىن بالىنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلدى. دوختۇرلار تەرىپىدىن ئۆلۈم خېتى كېسىلگەن بالا يەنە ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى، مانا ھازىر دوىتۇرخانىدىن چىقىپ ياخشى چوڭ بولىۋاتىدۇ.
ھازىر دوىتۇردا كېسەل كۆرسەتمەكچى بولغانلارنىڭ بىرىنچى دۇچ كېلىدىغىنى كارىۋات بولماسلىق ھادىسىسى. كېسەل ھەر قانچە ئېغىر بولسىمۇ ئالدى بىلەن چوقۇم كارىۋات بولىشى كېرەك ، كارىۋات بولمىسا ھەرگىزمۇ كېسەل كۆرسىتەلمەيسىز. كارىۋاتنى ھەرگىزمۇ دوختۇر سىزگە تېپىپ بەرمەيدۇ، ئۆزىڭىز ئامال قىلىسىز.
مۇشۇ دوختۇرغا كىرگەندىن كېيىن تەكشۈرۈشنىڭ جىقلىقى، ئاددى زۇكامنى داۋالىتىش ئۈچۈنمۇ چوقۇم بىرمۇنچە تەكشۈرۈشلەرنى قىلدۇرىشىڭىز كېرەك، نومۇر ئېلىپ بولغاندىكىن كېيىن بىرمۇنچە ئۆچىرەت تۇرۇپ دوختۇرغا كۆرىنىمىز، دوختۇر بىرمۇنچە تەكشەرەشلەرگە بۇيرۇيدۇ، يەنە بىرمۇنچە ئۆچىرەت تۇرۇپ پۇل تاپشۇرۇپ، يەنە ئۆچىرەت تۇرۇپ تەكشۈېتۈش قىلىمىز، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئەڭ قىسقا بولغاندىمۇ يېرىم سائەتتە چىقىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئالغاندىن كېيىن يەنە دوختۇرنىڭ يېنىغا يۈگرەيمىز، دوختۇر ئىسپىرىپكا يېزىپ بەرگەندىن كېيىن يەنە پۇل تاپشۇرۇپ دارا ئالىمىز ياكى ئوكۇل سالدۇرىمىز، ئىككى سائەتكىچەڭ بېلىكىمىزگە يىڭنە سالدۇرالىساق تەلىيىمىز. سىز ھەر قانچە ئاغرىپ بىئارام بولۇپ، ئۆلەي دېسىڭىزمۇ كارى يوق، چوقۇم تۈزۈم بويىچە بولىشى كېرەك.
داۋالىنىش ھەققى يوقىرى، دوختۇرغا كىرگەندىن كېيىن يانچۇقىڭىزنىڭ كولانغىنى كولانغان، گەرچە بارلىق خىراجەتلەرنى چىرايلىق، رەتلىك قىلىپ ئۇرۇپ بېرىدۇ، بىر مىللىئگىرام سۇيۇقلۇقنىڭمۇ باھاسى ئېنىق، پۇڭ سۇڭلىرىغىچە ئېنىق، بىراق مۇشۇ ھەقلەرنىڭ قانچىلىكى ھۆكۆمەتنىڭ خەزىنىسىگە كىرىدۇ، قانچىلىكى دوختۇرنىڭ، ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ دورا شېركەتلىرىدىن قانچىلىك پايدىغا ئېرىشىۋاتقىنىنى بىر ئۆزلىرى بىلىدۇ، بىمارلار داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ يوقىرىلىقىدىن ئاغرىنىدۇ، دوختۇرلار خىزمىتىنىڭ جاپالىقلىقى، مائاشىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئاغرىنىدۇ. ئۆز خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان . بارلىققىنى بىمارلارغا ئاتىغان جاپادىن قورىقمايدىغان، ھارامدىن قورقىدىغان، بىمارنى داۋالاشنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويىدىغان دوختۇرلىرىمىز يوق ئەمەس بار، مۇمكىن بولسا ئارىمىزدا مەسئولىيەتچان دوختۇرلار كۆپرەك بولسا بىز بىمارلارمۇ بۇنچىلىك ئاغرىنمىغان بولاتتۇيق. |
|