تاھىرجاننىڭ قارا بۇرۇتى
(-ئۇستازىم ھەم ئاكا ئاغىنەم تاھىرجان قاسىم خاتىرىسىگە)
ئەيساجان تۇرردى ئاچچىق
ئىخالاس بىلەن ئوقۇيمەن دۇرۇت، ئارىسىغا چۈشمىسۇن قۇرۇت. بىزلەرگىمۇ يارىشاتتىغۇ ؟ تاھىرجانغا ياراشقان بۇرۇت. بۇرۇت دىگەن ئەرنىڭ سۈننىتى، سۈننەتتە بار ئىنسان قىممىتى. جەڭگىۋارلىق تۇرار بېغىشلاپ، تاھىرجاننىڭ قارا بۇرۇتى. قارا چېچى ئاقارغان دۇنيا، تاھىرجانغا تەڭلىمەكتە مۇز. تاھىرجاننىڭ قارا بۇرۇتى، كائىناتقا تەڭلىمەكتە تۇز. تاھىرجاننىڭ قارا بۇرۇتى، مائاش، مەرتىۋە قىلمايدۇ تەلەپ . نەسىردىننىڭ ئېشىكى جېنىدا، كۈندە ئۈچ ۋاق يەيتتىغۇ ھەلەپ. كۈندە ئۇنى ياساپ تۇرسىمۇ، ئايالى ھەم قاساپ تۇرسىمۇ. ئۆستى يەنە، نىمە كارىمىز، شۇنچە يۇۋاش ياشاپ تۇرسىمۇ. ماركىسنىڭ شۇ بۇرۇتى بىلەن، <<كاپىتال>>مۇ يېزىلغان ئىدى. يارىشىملىق ئاشۇ بۇرۇتقا، ژېننى قەلبى چېتىلغان ئىدى. سىتالىنمۇ بۇرۇتى بىلەن، قىلغان ئىدى دادىل ئىنقىلاپ. بۇرۇت بىلەن كومۇنىزىمنڭ، ئارىسىدا يوقتۇر ئىختىلاپ. شىجىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغۇ؟! <<مەدەنيەتتە خاسلىق يارىتىش>> چىقماس ئەمدى<<بۇرۇت ماجراسى>> كېرەكمۇ يا ئۇنى ئاقارتىش. تاھىرجاننىڭ قارا بۇرۇتى، ئىناقلىقنى تۇرىدۇ كۆيلەپ. بۇرۇتى يوق ئەرگە مىڭ ئايال، ئاچچىقلىنىپ يۈرمەكتە سۆزلەپ. تاھىرجاننىڭ قارا بۇرۇتى، مەركەز بىلەن تۇرسا قەلىپداش. بىلجىرلىماي ئوڭ ۋە سولىدىن، بىز ئۇنىڭغا بولايلى قولداش. قارا بۇرۇت ئىشقىدا سەھەر، قىزىل گۈللەر كېتىپتۇ قاناپ. بىراق بىرسى رەڭلىك چۈشىدە، بۇرۇتلارنى يىمەكتە غاجاپ. تاھىرجاننىڭ قارا بۇرۇتى، ئۆسەر نەچچە ئەسىرلەرگىچە. ماڭغۇسى ئۇ ! تاھىرجان بىلەن، جاڭگاللاردىن قەسىرلەرگىچە. 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 09-كۈنى(شەھىرى ئاقسۇ) |