- تىزىملاتقان
- 2012-9-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2717
- نادىر
- 0
- يازما
- 69
ئۆسۈش
  23.9%
|
Re:بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ قىلمىشى ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بەرسە ئىشتىن ھەيدىلىدىغانغا چۈشەمدۇ؟
بۇ مەزمۇن 45قەۋەتتىكى ulughbekدە2012-11-10 23:13يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئىشقىلىپ يۈشۈرۈن سۆرەتكە تارتىش قىلمىشى ماڭا پەقەتلا ياقمايدۇ. ئۇ بىر خىل جەمىيەتتىكى ناتوغرا قىلمىشلارغا نىسبەتەن بىنورمال پىسخىكىلىق ئاجىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان بىنورمال ئىنكاس.يەنە كېلىپ، ئاۋۇ ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوتتۇرسىدا سۆرەتكە تارتىپ ئەدىبىنى بەرگۈدەك ئىشلارمۇ بولۇنمىغاندەك.بۇنى ئاۋۇ ئوقۇغىچىنىڭ قىلىقلىرىدىن ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئولتۇرغان قىياپىتىدىن قىياس قىلىش تەس ئەمەس. ناۋادا ئورۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، نەق مەيداندا بولغانكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ يۇمۇرىسىتىك تۇيغۇلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچى بولغاندىكىن ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش مېنىڭچە بىز قىلالمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس. يەنى ئاۋال ئاۋۇ ئوقۇغىچىنىمۇ تارتىپ ئەكىلىپ، «بالام»ياكى «ئۇكام» دەپ چىرايلىق گەپتىن ئىككى-ئۈچ ئېغىز قىلىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ مايىللىقىنى كەلتۈرۈپ، ئاساسلىقى بالىغا نەسىھەت قىلىشنى ئاساسى ئۇرۇنغا قۇيۇپ ھەل قىلساق،ئاۋۇ غەزەبلىنىپ تۇرغان ئوقۇتقۇچىنىڭ غۇرۇرىمۇ سۇنمايدۇ، ئوقۇغۇچىمۇ نەچچە چوڭ ئادەم گەپ قىلغاندىكىن، سەۋەنلىكىنى تۇنۇيدۇ، ئوقۇتقۇچىدىن چىرايلىق ئەپۇ سورايدۇ.ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدا نەدىمۇ ئۇنچە چوڭ زىددىيەت بولسۇن ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاچچىقى يامان بولغان بىلەن، ئاسان تەسىرلىنىدۇ، كىچىككىنە ئىشلارمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى بىر دەمدىلا «ۋىللىدە»ئېرىتىۋىتەلەيدۇ .شۇنداق ئەمەسمۇيا ئوقۇتقۇچىلار؟!سىزگە تەييارلا تۇرىدىغان نەدىكى «قالپاق »ئىكەن ئۇ؟ ئەجەبا سىزنىڭ يۈشۈرۈن سۆرەتكە تارتىشىڭىز باشقىلارغا بىنۇرماللىق تۇيغۇسى بەرمەسما؟! «قالپاق»نى ئويلاپ كەتسىڭىز ، مۇشۇ ئىشىڭىزمۇ «قالپاق»قا سەۋەپچى بۇلۇشقا يىتەرلىك ئاساس بۇلالايدۇ ۋاقتى كەلگەندە.شۇڭا مەن يەنىلا سىزنىڭ بۇ قىلىقىڭىزنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. ئەلۋەتتە بۇ مۇنبەردىكى بەزەنلەرگە نىسبەتەن، تەشۋىشلىك ئىشلار كۆپرەك بولسا، شۇنچە قىزىغان بۇلىدۇ. بۇلارغا بىر مۇنچە دەتالاش قىلشىقا يېڭا تېما چىققان ھېساپلىنىدۇ. لېكىن، سىز بىر ئوقۇتقۇچىكەنسىز، بۇ سالاھىيىتىڭىزنى دەڭسەپ كۆرسىڭىز، دىگەنلىرىمنى چۇقۇم قۇبۇل قىلالايسىز. تەكلىپ پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت.بىلمەكچى بولغۇنۇم،سىز بارلىق تىما ۋە ئىنكاسلارنى باشتىن باشلاپ تەپسىلى چۈشۈنۈپ كۈردىڭىزمۇ؟ مىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغۇنۇمنى چۈشەندىڭىزمۇ؟ ئەستايىدىل كۈرۈپ بولۇپ يازغان بولسىڭىز بەزى بىر گەپلەرنى مىنىڭ قىلمىغانلىقىمنى، سىز تەۋسىيە قىلغان ئۇسۇلنىڭمۇ ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى بىلەتتىڭىز. يەنە بىرگەپ، سىلەر مىنى نىمە دىسەڭلار مەن ئېغىز ئالمايمەن، چۈنكى سىلەر سۆزلەشكە ھەقلق ،مەنمۇ ئۈزەمنىڭ ئۇ مەيداندا ئوتتۇرغا چۈشمىگىنىمگە ،ئۇ بالىنى قوغداپ قالمىغىنىمغا تەن . سۈرەتكىلا قاراپ ئىنكاس يېزىشقا ئالدىرماي تىمىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىنكاسلارنى ئەستايىدىل ھەزىم قىلىپ مىنىڭ مەقسىدىمنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ،نىمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلغانلىقىمنىڭ سەۋەبىنى ھەق تەرەپتە تۇرۇپ چۈشىنىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|