- تىزىملاتقان
- 2011-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 977
- نادىر
- 0
- يازما
- 38
ئۆسۈش
  95.4%
|
ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ يۈرىكى گۆش بىلەن قاندىن پۈتكەن، تورداشلار! ئۇلارنىڭمۇ ئاتا -ئانىسى، بالا - ۋاقىسى، ئائىلىسى، بار. ئۇلارنىڭ ھېسسىيات، غۇرۇرى بار. ئەتتىگەن ئۆزىنىڭ ئەزىز پەرزەنتىنى مەكتەپكە ماڭدۇرىۋېتىپ، چۈشلۈك تاماقنىمۇ تەييار قىلىۋېتىپ ئىشقا(مەكتەپكە) كەتكەنچە سائەت 6 - 7 لەر بىلەن قايتىپ كەلسە يەنە شۇ ئۆي ئىشى قاراپ تۇرغان بولىدۇ. (ئاتا - ئانىسى بىللە تۇرمىغاي تېخى، ئۇچاغدا ئىش تېخىمۇ چاتاق) ئەي سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىلار! سىلەرنىڭ غېمىڭلەنى يەيدىغان ئىنسان تۇغۇلمىغان ئوخشايدۇ، دەپ قالىمەن بەزىدە. ھازىرقى بالىلىرىڭلارغا قاراپ بېقىڭلارچۇ قېرىنداشلار، سىلەر كىچىك ۋاقتىڭلاردا قانداق ئىدىڭلار؟ بىر ياكى ئككى بالاڭلارغا گەپ يېگۈزەلەمسىلەر؟ بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى باشقۇرالماي شەنبە، يەكشەنبە، تەتىل بولماسلىقىنى تىلەيدۇ. بىر سىنىپتا ئەڭ ئاز بولغاندا 15 تىن 30 غىچە بالا ئوقۇيدۇ دېسەك بۇ بالىلاردا 15 ياكى 30 خىل ىۇي پەيىل بولىدۇ دېگەن گەپ! بۇنى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز ھەممىنى چۈشىنەلەيسىز. |
|