- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11890
- نادىر
- 0
- يازما
- 527
ئۆسۈش
4.73%
|
Re:بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ قىلمىشى ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بەرسە ئىشتىن ھەيدىلىدىغانغا چۈشەمدۇ؟
بۇ مەزمۇن 22قەۋەتتىكى taklimakan9216دە2012-11-09 22:30يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مىنىڭ بۇ رەسىملەرنى يوللاشتا باشقا مەقسىدىم يوق، پەقەت تەربىيە قىلىدىغان ئورۇننى ، ۋاستىنى توغرا قوللىنىش كىرەك دىمەكچىمەن. مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى مەنمۇ گەپ ئاڭلىمىغان ئوقۇغۇچىغا قاتتىق قول بولغان ،ئەمما ئايرىم تەربىيە قىلغان ،ئۇنداق كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بۇ بۇ ئوقۇتقۇچىدەك بالىلارنىڭ غورۇرىغا تەگمىگەن. بۇ رەسىمدىكى بالا سىلەر كۆرگەندەك تاياق يىسىمۇ كۈلۈپ نايناقشىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى بەكلا ئاددى ،يەنى بۇ بالا بۇرۇندىن باشلاپ بۇنداق تىل ئاھانەت،تاياق يىيىشلەرگە كۈنۈپ كەتكەن ،بۇ ئوقۇتقۇچى مەخسۇس تەرىيە كالتىكى تەييارلىۋالغىنىغا قارىغاندا بۇ بىر ئىككى كۈن بولغان ئىش ئەمەستەك ،يەنە كىلىپ ئۇرۇش ئۇسۇللىرىمۇ بۇ ئوقۇغۇچىلارغا تۇنۇشكەن ،بىرنىمە دەپ تولىغاندەك قىلغان بۇ بالا ئالقىنىنى چىقاردى ،ئوقۇتقۇچى ئورماقچى بولغانتى يەنە تىزلا قۇلىنى تارتىۋالدى. بۇنىڭدىن بۇ تاياقنىڭ بوش تەگمەيدىغىنىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. مەن دەيمەن قاتتىق قوللۇقمۇ جايىدا قولىنىلسا ئاندىن ئۈنۈمى ياخشى بۇلىدۇ .ئۇستاز زالىم بولسا شاگىرت ئالىم بولىدۇ دىگەن گەپ بۇ ئوقۇتقۇچىغا ئوخشاش سورۇن تاللىماي ،ۋاستە تاللىماي تەربىيە ئېلىپ بېرىڭ دىگەن گەپ بولمىسا كىرەك . سىلەر ئابلېز ھەسەن مۇئەللىمنىڭ پەرزەنت تەربىيسى ھەققىدىكى لىكسىيەسىنى ئاڭلىغانمۇ؟ ئۇنىڭدا بالىلارغا ئائىلىدە ئاتا-ئانىنىڭ ،مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانداق تەربىيە بەرگنلىكىنى ھەم قانداق تەربىيە بىرىش كىرەكلىكىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرگەن. بۇ ۋىدىودىكى مەن تىلىفۇنۇم ئارقىلىق يۇشۇرۇنچە تارتىۋالغان نەق مەيدان، بۇ بالىنىڭ ئالدىدا يەنە بىر بالىنى ئالقىنىنى چىقارغۇزۇپ خېلى قاتتىق ئۇرىۋەتتى، ئەمما ئۇنى سۈرەتكە ئېلىۋېلىشقا ئۈلگۈرمىدى .بىر دەمدىن كىيىن يان تەرەپتە تۇرغان بۇ بالا بىلەن بىر مىللەتىكى بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى چىداپ تۇرالماي بۇ ئىشقا ئارلاشتى، بالىلارغا بۇندىن كىيىن گەپ ئاڭلاشنى ئوقۇتقۇچىسىدىن كەچۈرۈم سوراشنى ئېيتىپ تۇراتتى ئەمما بۇئوقۇتقۇچى ئانچە قارشى ئالمىغاندەك پۇزۇتسىيەدە يەنە ئۆز ئۇسۇلى بىلەن تەربىيسىنى داۋاملاشتۇرغىلى تۇردى،مىنىڭ ئۇ يەردە تۇرۇۋىرىشكە ئامالىم بولمىغاچقا ھەم ئارلىشىشقا ئىمكان بولمىغاچقا ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ كىتىپ قالدىم......چۈنكى تاياق يەۋاتقىنى مەن بىلەن ئوخشاش تىلدا گەپ قىلىدىغان بالا ،ئۇرىۋاتقىنى بولسا خەن مۇئەللىم...... كۈڭلۈمدە تىل بىلەن ئېيتقۇسىز بىرخىل تۇيغۇ. بۇ ۋەقەنىڭ ئورنى خوتەن ۋېلايىتى قاراقاش ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ يەنى خەنزۇ مەكتەپ، بۇ ئوقۇتقۇچىمۇ خەنزۇ ئوقۇتقۇچى.
سىز بۇ ئىشنى قاراقاشتىكى مائارىپ ئىدارىسغا مەلۇم قىلىڭ ، ئەگەر پەرۋا قىلمىسا خوتەندىكى مائارىپ ئىدارىسغا مەلۇم قىلىڭ ، قولىڭىزدا ئىسپات بار ئەمەسمۇ ، ئەگەر قومۇلدا شۇنداق بولغان بولسا ، سىزنىڭكىدەك ئىسپات بولسا مەن مەلۇم قىلغان بولاتتىم ، |
|