- تىزىملاتقان
- 2012-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10878
- نادىر
- 2
- يازما
- 425
ئۆسۈش
  2.2%
|
بىر كۈنى بىر بۆرە ئۇزۇق ئىزدەپ يۈرۈپ بىر كەنتكە كىلىپ بىر ئىتقا ئۇچراپتۇ،بۆرە سوراپتۇ:بۇرادەر ھال-ئەھۋالىڭ قانداق؟يەيدىغىنىڭ بارمۇ؟
ئىت جاۋابەن:يەيدىغاندىن غەم قىلمايمەن ،سېنىڭچۇ؟
مېنىڭ قورسىقىم ئاچ،ئىككى كۈن بولدى ئاچ يۈرگىلى،ئەتە نىمە يىيىشىمنى بىلمەيمەن دەپتۇ،
ۋاي سەن نىمە دىگەن بىچچارە،دەپتۇ ئىت.
شۇ ئەسنادا بۆرىنىڭ كۆزى ئىتنىڭ بوينىدىكى زەنجىرگە چۈشۈپ،چۆچۈگىنىدىن سوراپتۇ،بۇرادەر بوينىڭدىكى نىمە ئۇ؟
زەنجىر،ئىگەم مېنى تاماق بەرگەندىن كېيىن مۇشۇ يەرگە باغلاپ قويىدۇ،ھىچيەرگە بارالمايمەن،
ھىچيەرگە بارالمايمەن؟دىدىڭمۇ ،سەندە ئەركىنلىك يوقمۇ؟---سوراپتۇ بۆرە
يىمەك -ئىچمەكتىن ،ياتىدىغان ئۇۋىدىن غەم قىلمايمەن،ھەممىنى ئىگەم تەييارلاپ بېرىدىغان تۇرىدۇ،ماڭا ئەركىنلىكنىڭ نىمە كېرىكى؟
بۆرەكەينىگە داجىپ دەپتۇ:ياق-ياق،ئەركىنلىك مۇھىم،مەن خالىغان جايلارغا بارالايمەن،خالىغان يەرگە بېرىپ ئۇزۇق تېپىپ يىيەلەيمەن،بۇ مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم. شۇنداق دىگىنىچە ئۇچقانداق يۈگۈرۈپ دالدا غايىپ بوپتۇ.
تېما ئىگىسى توخۇتۇر ۋە باشقا خىزمەتچى تورداشلارنىڭ ئۆزىگە ئېلىۋالماسلىقىنى سورايمەن،پەقەت ئويلىنىپ بېقىش ئۈچۈنلا يېزىپ قويدۇم. |
|