- تىزىملاتقان
- 2012-8-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1138
- نادىر
- 2
- يازما
- 36
ئۆسۈش
  13.8%
|
بۇ مەزمۇن 34قەۋەتتىكى narqukدە2012-08-16 19:45يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ۋاي ئاكىلار،ئۇكىلار- ھازىر مائارىپ ئىدارىسى راستىنلا تاقالمىسا بولمايدىغانمۇ يەرگە كېلىپ قالدى. لېكىن مەكتەپلەردىمۇ مائارىپ ئىدارىسىدا بار ئىشخانىلاردىن بىر ئىككىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغان ئىشخانىلارنىڭ ھەممىسىنى مەكتەپلەردە تەسىس قىلىپ بولدى. بىر مەكتەپتە ئادەتتە بىر شۇجى، باش مەكتەپ مودىرى، ئىككى مۇئاۋىن مودىر ، بىرئىلمىي مودىر بولسا يېتىپ ئاشاتتى.(بوپتۇ ئەخلاق تەربىيە مودىرىنىمۇبولمىسا بولمايدۇ دەيلى)لېكىن ھازىر ھەر بىر بۆلۈمدە بىردىن بۆلۈم باشلىقى، ئىككى-ئۈچتىن مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، ھەر بىر مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقىغا كەم دېگەندە بىرىن ، جىق دېگەندە ئىككىدىن ئەزا تولۇقلاپ ئىشلىمىسە بولمايدىغان ئەھۋالمۇ كېلىپ چىقىۋاتىدۇ.(بىز بۇنى قاۋاقخانىمۇ دەۋالدۇق، ئەزالىرىنى..... دەۋالدۇق ) ھەر قايسى بۆلۈم باشلىقلىرىنىڭغۇ دەرس مىقتارىنى ئاز دەيلى، بۆلۈم ئەزالىرىنىڭمۇ دەرسى ئاز. ئۇلارنىڭ خىزمەت مىقدارىنى بىز ئۆستىمىزگە ئېلىپ ئىشلىسەك نۇمۇس قىلماي ؛-ئوقۇتقۇچى كەم ئەمەس ئارتۇق، ئوقۇتقۇچى تولۇقلىمىساقمۇ بولىدۇ . دەپ يۇقۇرىدىن كەلگەنلەرگە ئىنكاس بېرىپ يولغا سېلىۋاتقان. قىسقارتقاندا مەكتىپىمىزدە 250 ئەتراپىدا ئوقۇتقۇچى -ئىشچى خىزمەتچى ،3500 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى بار. بۇنىڭ ئىچىدە 235 رەسمىي دەرسكە كىرىدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىچىدە 50 نەپەرگە ئارتۇقى ئۆزىنى ئاتالمىش ئوتتۇرا قاتلام كادىرى ھېسابلايدۇ.قانداق، راستىنلا مائارىپ ئىدارىسى مەكتەپكە كۆچۈپ كەپتىمۇ؟ بۇ يەردە دىيىلۋاتقىنى مائارىپ ئىدارىسى ئەمەس بەلكى مائارىپ ئىدارىسى تۈسىنى ئېلىۋاتقان مائارىپ ئىشخانىلىردۇر.مائارىپ ئىدارىسى ھۈكۈمەتنىڭ مۇھىم بىر فۇنكىسيلىك تارمىغى،مائارىپ ئىدارىسىنى تاقاش تارىختىن بۇيان بۇلۇپ باقمىغان ئىش ھەم بولمايدۇ.مائارىپ ئىدارىلىرى مەۋجۇت بولمىسا بولمايدۇ،مائارىپ ئىدارىسى بولمىغانلىق مەكتەپنىڭمۇ بولمىغانلىغى بىلەن باراۋەر.شۇڭا ئوبىكىت توغرا بۇلۇشى كېرەك. |
|