- تىزىملاتقان
- 2012-6-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3099
- نادىر
- 0
- يازما
- 129
ئۆسۈش
  36.63%
|
مىنىڭچە مائارىپ پارتىيە باش ياچىيكىسىنىڭ بولغىنى ياخشى ئىش،گەپ ئۇلارنىڭ ناپسانىيەتچىلىك قىلماي ئەمىلىنى مەكتەپلەرنىڭ ئىختىزادى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاش تەمىناتىغا چاڭ سىلىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالماي مائارىپ ئىدارىسى بىلەن كۆۋرۇكلۇك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىغى،كۆز-قارىشى،تەكلىپلىرىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ،ئوقۇتۇش-تەتقىقات تىمىلىرى ئۇستىدە ئىزدىنىپ خىزمەت قىلسا..
بىر ناھيىدە 7000دىن 10000گىچە ، بىر يىزىدا 300دىن 500گىچە ئوقۇتقۇچى بار دىگەن گەپ، بىر مائارىپ ئىدارىسى شۇنچە كۆپ ئوقۇتقۇچى،مائارىپ خىزمەتچىسىنىڭ دەردى،ئىلتىماسى ھەم ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ ئۈلگۈرەمدۇ ،ھەر بىر مەكتەپنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى،نىمىگە جىددى ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ،دەلىللەپ بولالامدۇ؟بىر ئوقۇتقۇچى ئەگەر بىر جاپالىق رايۇندا ئۇزاق يىل ئىشلەپ قالدى دىيىلسە ئالمىشىشقا توغرا كەلسە شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى مائارىپ ئىدارىسى قانچىلىك چۈشۈنۈپ كىتەر؟گەپ يەتتە ئادەمنى قىسقارتىش ئەمەس،يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ئۇلارنىڭ ئىستىلىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ مۇتلەق ھوقۇقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى قىلىپلاشتۇرۇش كىرەك.
ھازىر مەكتەپلەرگە يۇقۇردىن بىرىدىغان پۇل كۆپ ،لىكىن يىراق تاغلىق يىزىلارنىڭ قىسمەن كەنت مەكتەپلىرىنىڭ ئەھۋالى بىر ئوتتۇرا ھال دىھقاننىڭ ئەھۋالىدىنمۇ ناچار،ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرىدىغان ئۇستەل كونا،ئۆتمە تۆشۈك،
قۇرۇلۇش يىڭى،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ئۈستىلى،مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشكاۋى 50-يىللارنىڭ دىققەت قىلىدىغان رەھبەر يوق. |
|