- تىزىملاتقان
- 2012-7-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9588
- نادىر
- 1
- يازما
- 555
ئۆسۈش
  91.76%
|
ماۋۇ يۇت يۇرتتىكى قىماخانىلار،ئىشرەتخانىلارنى ھۆكىمەت بىلمەيدىغان ئىش يوق.
2001-يىلى بىزنىڭ يىزىغا ئىشرەتخانا ،قاۋاقخانا دىگەندىن نەچچىنى ئاچتى،بۇ بىر يىزىدا بولغان ئىش ،ناھىيدە،شەھەردە قانچىلىك بولغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز.
2001يىزىمىزنىڭ چوڭ مەسچىتىگە 100مىتىر كەلمەيدىغان يىرىگە ئىشرەتخانا ئاچتى .نۇرغۇن ئائىلىلەر بۇزۇلدى.خەلىق ئۇلارنىڭ ئىشك دەرىزىلىرىنى چاقتى.ساقچىلار كىلىپ ئۇلارنى تۇتتى.يەنە تاقالمىدى.بىر مەزگىلدىن كىيىن بىر نەچچەيلەن ئۇ يەرگە ئوت قويىۋەتتى.ئۇلارنى ئوت قويوش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ يەنە تۇتۇپ جازالىدى.يەنە تاقالمىدى.يەنە بىر نەچچە ۋاقىت ئۆتۈپ ئاچچىقىغا پايلىمىغان بىر نەچچەيلەن ئۇلاردىن نەچچىنى چاناپ ئۆلتۈرىۋەتتى.ئاندىن ئۇلارنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن دەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
مەن ھازىرغىچە ساقىلى بار بىرەرسىنىڭ يولدا كىتىۋىتىپ باشقىلارغا ساقىلى سانجىلىپ ئۆلۈپ كىتىپتۇ،ياكى ساقىلى سەۋەپلىك باشقىلارغا زەخمەت يىتىپتۇ دىگىنىنى ئاڭلىمىدىم ھەم كۆرمىدىم.
بىرەر ياغلىق ئارتقان ئايالنىڭ ياغلىقى سەۋەبلىك باشقىلارغا زەخمەت يىتىپتۇ ياكى ياغلىقى بىلەن بىرەرسىنى بوغوپ ئۆلتۈرۋىتىپتۇ دىگىنىنى ئاڭلىمىدىم ھەم كۆرمىدىم.لىكىن ھاراق ئىچىۋىلىپ باشقىلار بىلەن سوقوشقاننى تالاي كۆردۈم.ئىچىۋىلىپ ئادەم ئۆلتۈرگەن،قاتناش ۋەقەسى قاتارلىق تالاي ۋەقەلەرنى كۆردۈم،تالاي قىتىم ئاڭلىدىم،ھاراق سەۋەبلىك بۇزۇلغان ئايىللەرنى ،ئاتا ئاناسى تىرىك يىتىم بولغان شۇ سەبىيلەرنى كۆردۈم.
مەن سىلەردىن سوراي ھاراقنىڭ جازاسىغا ئۇچراۋاتقان شۇ بىچارە ئانا،شۇ مەسۇم بالىدا نىمە گۇناھ ؟شۇ سەبىي بالىنىڭ چىرايىدىكى مەسۇملۇقنى كۆرمەيۋاتامسىز؟ ئۇنىڭ قورسىقى ئاچ،قىشلىرى سوغوقتا توڭغان تاكى چوقوپ ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولغۇچە تارتىدىغان تالاي جاپالىرىچۇ ؟
بىزنىڭ سىياسەتلىرىمىز تەتۈرچە يۈرگۈزلىۋاتىدۇ جۇمۇ ...
دىننى،كىيىمنى،ساقال-بۇرۇتنى،ياغلىقنى ئىغىر چەكلەيدۇ.ھاراق تاماكا بىلەن كارى يوق.ھەر مەسچىتكە ئادەم ئورونلاشتۇرۇپ كىرگەن چىققاننى مولوندەك كۈزتىدۇ ئەمما قىمارخانىلار بىلەن كارى يوق.
چەكلىمەدىغاننى جان تىكىپ چەكلەپ،چەكلەيدىغان بىلەن كارى يوق ...
يۇقىردىن ھەل قىپ بەرسە بولاتتى |
|