- تىزىملاتقان
- 2012-6-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4805
- نادىر
- 0
- يازما
- 214
ئۆسۈش
  93.5%
|
ھازىرقى ئەتىراپىمىزدا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۋاتقان، ئۇچۇق ئاشكارا پاھىشخانا، قىمارخانىلار، شۇ جاينىڭ ۋاستىسى بىلەن سەرسان بوپ كەتكەن يىتىم بالىلار، قان ياش تۈكۈپ بۇزلۇپ كەتكەن ئىناق ئائىللىلەر، نەچچە ھەپتە ئىچىدىلا نەچچە ئون يىللىق ئىگىلىكىدىن قۇرۇق قېلىپ قاق سەنەم بولۇپ خانۇ ۋەيران بولغان كىشلەرگە قاراپ، قايسى بىر يىللىرى ئۇقۇغان بىر يەھۇدىينىڭ سۈزى يادىمغا كەپ قالدى.
ئۇ يەھۇدىي پىسخولوك مەزكۇر ماقالىسىدە، ئىنساننىڭ خارەكتىرى ئەركىنلىككە، خالىغىنىنى قىلىشقا تەلپۇنىدۇ، ھۆكۈمران كۈچ بولسا ھاكىمىيەتنى مۇقۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىرادىسىنى «قانۇن» نامى بىلەن يولغا قۇيۇپ ئىجرا قىلىدۇ، چەكلەش ۋە چەكلىنىش ئارىسىدىكى تەبئيلا پەيدا بولغان قارشلىق كۈچىنى پۇقرالارغا مەلۇم ئەركىنلىك بىرىپ يۇمشاتقىلى بولىدۇ، بىرىلىدىغان ئەركىنلىك ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى جىنىسى ئەركىنلىكتۇر.
دىمىسىمۇ جىنسىي قىلمىشلار ئەركىن بولغاندا، كىشلەردىكى ئىتقاد ۋە پاكلىق قارىشى تەبىئيلا سۇسلايدۇ، ۋىجدان-غۇرۇر پايخان بولىدۇ. نەتىنجىدە نە نىشانى نە غۇرۇرى نە مەسئۇلىيەت ئېڭى بولمىغان توپ شەكىللىنىدۇ. ئۇلارغا پەقەت پاھىشخانا ۋە قىمارخانا بولسلا ئۆتكەن كۈنىدىن «لەززەت» ئېلىپ يۈرۈۋىرىدۇ. ئۇلار خۇددى جۇۋازغا قاتقان كالىدەكلا ئەتىراپىدىكى ھىچ بىر ئۆزگۈرۈشلەرگە دىققەت قىلمايدۇ ھەم قىلالمايدۇ. |
|