- تىزىملاتقان
- 2012-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14934
- نادىر
- 0
- يازما
- 642
ئۆسۈش
12.34%
|
[align=justify]ئەھۋال شۇنداق بولغان ئىكەن ، ئاتا- ئانىلار باللارغا مەسئۇل بولۇش ئېڭىنى كۈچايتىشى كېرەك ھازىر بۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق.
ئۇنداق دىسەم، ئىلغىدا گۆش ئېسىقلىق تۇرسا مۈشۈك قانداق جىم تۇرالىسۇن دەيسىلەر، ئەمما قىلاي دىسە قىلغىلى بولىدىكەن:
كىچىك ۋاختىمدا مېنىڭ بىر ساۋاق دېشىم بولىدىغان، ئۇنىڭ دادىسى بالىسىغا ئىنتايىن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قارايتتى، باللا بىلەن بىر يەرگە بارساقمۇ ، مېھمانغا بارساقمۇ ،دادىسى شۇ مېھماندارچىلىق تۈگىگىچە شۇ مەھەللىدە بالىسى چىققىچە ساقلاپ ئولتۇرۇپ تۇراتتى، بىز ئۇنى داداڭ نىمانداق قىلدۇ ھەييي .... دەپ مازاق قىلاتتۇق. دادىسى بۇ ئىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇردى، ( بولمىسا بەك خىزمىتى جىددى ئورۇندا ئىشلەيتتى) ۋاقىت چىقىراي دىسە چىقارغىلى بولدىغان ئوخشايدۇ. مەكتەپكىمۇ ئاپىرىپ( تولۇق ئوتۇرىغا چىققاندىمۇ) قويۇپ بەرگەندە ئالدىغا بېرىپ ئەكىلەتتى. كېيىن ئۇقتۇم ھەممە كاشال دوستلۇقتىن چىقىدىكەن، ئۇنىڭغا دادىسى بۇنداق دوستلۇشۇپ سوي تارتىشىش پۇرسىتى بەرمەيتتى. كېيىن قانداق بولدى ، ئۇ بالا چەكمەيدىغان، ئىچمەيدىغان، ناشايان ئىشلارنى( دەرستىن باشقىنى) بىلمەيدىغان ئادەم بولدى. ھەتتا توي قىلمىغۇچە بىرەر قىزنىڭ ئەمەس بىرەر پاھىشە خانىنىڭ ئىشكىنىمۇ بىلمەي چوڭ بولدى. پەقەت توي قىلغان كۈنىلا ئايال جىنس يۈزىنى كۆردى .... مۇھەببەت دىگەننىمۇ خىزمەتكە چىقىقاندىن كېيىن شۇ ئىدارىسىدىكى قىز بىلەن مۇھەببەتلەشتى، ھازىر ئائىلىسى بەك بەلەن بەختىيار .... ئۆتمەكتە. ئۇ بىرتوپ باللارنىڭ كۆپىنچىسىچۇ؟ ئۇلار ساياقلىق كوچىسىغا كىرىپ كەتتى. مەنمۇ مەيخور بوپ قېلىشقا تاس تاماس قېلىپ ، ئاغرىپ قالغاندىن كېيىن ئۆزۈمنى تېپىۋالدىم.
شۇڭا ئەڭ توغرىسى بالىغا شۇنداق پۇرسەتلەرنى چىقىرىپ بەرمەسلىككە تىرىشايلى، بالا 15-16 گە كىرگەندە دادا دىگەن 40قا چىشلەپ قالىدۇ، بۇ چاغدا سىز- بىز ئويۇنىمىزنى توختۇتۇپ بالىغا قارايلى. چۈنكى سىز-بىز ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن بالا مەكتەپتىن قايتىدۇ. دىمەك ئۈلگۈرىمىز . مالىمدىن قويۇپ بېرىش، ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىنى سوراپ تۇرۇپ ئىگە بولساقلا ئانچە تەس ئىش ئەمەس، ئىش << پالانى دوستۇم كەپتىكەن كوچا ئايلىنىپ كىرەيلى >> ياكى دوستۇمنىڭ ئۆيىدە ئادەم يوق ئىكەن قونۇشۇپ بەر دەيدۇ >> دىن باشلىنىدىكەن. مانا شۇ چاغدا ئەڭ دىققەت قىلىش كېرەك . قانداق دىققەت قىلىش كېرەك ؟ بۇ تەلەپكە ھەرگەىز ئۇنىماڭ ، مانا بۇ ناباپ قىلىقنىڭ باشلىنىدىغان كۈنى .ئارقىسىغا چۈشۈڭ... << زالىمنىڭ قولىدىن ئالىم چىقىدۇ>> بۇ بەك ئۇلۇغ سۆز |
|