- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2688
- نادىر
- 0
- يازما
- 165
ئۆسۈش
  33.94%
|
مائارىپىمىز زاۋاللىققا يۈزلەندى، يوقارقى تېما بۇنىڭ تىپىك مېسالى (گەرچە بۇ تېما مەيلى راست بولسۇن ياكى توقۇلما بولسۇن)، چۈنكى ھازىرقى بۇنداق ياسالمىلىق، بيوكراتلىق ئەۋەج ئالغان، ساختا شان- شۆھرەت، ساختا ئالىيجانابلىق قاپلاپ كەتكەن، قاتمۇ- قات بېسىم تۈپەيلى جېنى ھەلقۇمغا كېلىپ قالغان بىچارە ئوقۇتقۇچىنىڭ ھالىغا ۋاي! مەن كۆزۈم كۆرگەنگە ئىشىنىمەن، ئاڭلىغانغا ئانچە ئىشەنمەيمەن، بىزنىڭ بۇ يېزىدا مەن بىۋاسىتە كۆرگىنىم شۇكى: بىر رەھبەر كېلىپ ئالدى بىلەن «ئوقۇغۇچىنىڭ ھالى نەدىن- نەگىچە» دېمەستىن «<ئىككى ئاساسەن> ئارخىپىنى قانچىلىك ئىشلىدىڭىز» دەپ تەكشۈرۈپ كەلسە ئېيتىڭلارچۇ مائارىپ نېمە بولماقچى؟ زادى ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى نېمە، ئەشۇ مۇرەككەپ، ئايىقى چىقماس جەدۋەل- ئىشلەكلەرنى توشقۇزۇشمۇ ياكى ئوقۇغۇچىغا ئازدۇر- كۆپتۇر بىلىم ئۆگىتىشمۇ؟! شۇنداق بولسا يەنىلا دەيدىغىنىم، ئاچچىق بىلەن، زەردە بىلەن دەيدىغىنىم: مائارىپ نېمە بولماقچى، .... مائارىپ پاھىشخانىدىلا ئەمەس بەلكى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ خۇنۈك بولۇڭ- پۇشقاقلىرىدا، چەرەندى- پەرەندىلەر ئارىسىدا..... ھەر ۋاقىت مەۋجۇت! (يوقارقى ئەھۋالنى ھەممىگە تەدبىقلاش تېخى بالدۇرلۇق قىلسا كېرەك، بىراق بار بولدىمۇ ھامان بار دېگەن گەپ، مەيلى ئەمەلىيەتتە بولسۇن ياكى بىزنىڭ كاللىمىزدا بولسۇن ھامان بار، يوق بولسا، مۇشۇنداق كېتىۋىرىدىغانلا بولسا ھامان بولىدۇ)..... |
|