- تىزىملاتقان
- 2012-7-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 746
- نادىر
- 0
- يازما
- 32
ئۆسۈش
  86.5%
|
بۇندىن 7-8 يىل بۇرۇن بىزنىڭ ناھىيىدە خېلى ھۆرمەتلىك بىر مەسئۇل ھاكىم بار ئىدى.ئۇ ھاكىم ناھىيە بويىچە 100دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرى قاتناشقان بىر چوڭ يىغىندا مۇنداق دىگەن<< يېزىدىن شەھەرگە يۆتكەلمەكچى بولغان بىر قىز ئوقۇتقۇچى ئىشخانامغا كىرىپ ، ئىشىكنى يېپىۋېتىپ،" سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن مەن چىقاي، مېنىڭ ھاجىتىمدىن سىز چىقىڭ"دىدى،مەن"سەت بولسىمۇ خوتۇنۇم بار، ئىشخانىدىن چىقىپ كەت!" دىدىم ،مۇشۇمۇ بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ دەيدىغان گېپىمۇ؟......>>...ۋاھاكازالار
ئاشۇ يىغىنغا قاتناشقان خېلى نۇرغۇن كىشىلەر، 200مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار خېلى چوڭ بىر ناھىيىنىڭ مەسئۇل ھاكىمىنىڭ ،زىيالىلار قاتناشقان چوڭ يىغىندا،قايناپ،ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ، ئاشۇ سۆزلەرنى قىلغانلىقىغا قارىتا ھەر خىل ئىنكاسلاردا بولۇشتى.
ئاشۇ قىز ئوقۇتقۇچىنىڭ شۇنداق دىگىنى راستتۇ، ئۇ قىز ھەقىقەتەن شۇنداق دىگەن بولسا ئوقۇتقۇچىلىققا لايىق قىز ئەمەسكەن. شۇنداق بولسىمۇ ھۆرمەتلىك ھاكىمنىڭ چوڭ يىغىندا شۇنداق سۆزلىشى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا ھاقارەت ئەمەسمۇ؟ ئو قىز نىمىشقا شۇنداق دەيدۇ؟ ئاشۇ سۆزلەرنى ئاستىغا قانداق ئاچچىق قىسمەتلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى ھاكىم ئويلىمىغانمىدۇ،ئۇ قىزغا نەچچە يىل بولغاندۇ چەت يېىزىدا كۇرمىڭ جاپا-مۇشاققەتلەرنى تارتىپ ئىشلەۋاتقىلى، باشقىلارغا ئوخشاش شەھەرگە يۆتكىلىش ئۈچۈن نەچچە تۈمەنلەپ پۇل خەجلىيەلمىگەندۇ.ياكى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققان بىرەر قىزنىڭ شەھەرگە ئاسانلا يۆتكىلىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ قالغاندۇ...
ئىشقىلىپ ھاكىم ئاشۇ چاغدا ئۆزىنى ئالىجاناپ كۆرسىتىمەن دەپ ، ئەمەلىيەتتەئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرىۋالغان ئىدى.
تېنىنى سېتىش ئىنتايىن پەسكەش ئىش، بىراق ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېنىنى سېتىپ مەكتەپ سالغان ئاشۇ قىزدەك ئادەمنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغايدىغانلارمۇ بار! |
|