ئەڭ ئاخىرقى بوستانلىقتىكى ئەۋلادلار
بۇ يازمىنىڭ ماۋزۇسىنىڭ ئۆزىدىنلا بىر تىراگىدىيەنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەسلىدە يازمامنىڭ ماۋزۇسىنى << قومۇل بوستانلىقىدىكى ئەۋلادلار>> دەپ ئالساممۇ توغرا بولاتتى. لېكىن، يەنىلا <<ئەڭ ئاخىرقى بوستانلىقتىكى ئەۋلادلار>> دەپ ئېلىشنى لايىق تاپتىم. چۈنكى قومۇل شەھەر ئىچى يېزىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر خاسىيەتلىك مەرىپەت باغچىسى، سولماس بوستانلىق بولغان <<بوستان بالىلار باغچىسى>>ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزنى تەربىيىلەپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى گۈزەل بوستانلىق دەپ تەرىپلىنىشكە ئەرزىيدۇ.
مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، پۈتكۈل قومۇل ۋىلايىتىدە مائارىپ ئىدارىسىدىن تىزىمغا ئېلىنغان 100 گە يېقىن بالىلار يەسىلىسى، تەربىيىلەش ئورنى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە مىللىي تىل-يېزىقنى ئاساس، خەنزۇچىنى مۇھىم، ئىنگىلىزچىنى قوشۇمچە ئۆگىتىش، تەربىيلەش نىزامى قىلىپ كېلىۋاتقان پەقەت ۋە پەقەت مەرىپەتپەرۋەر، ھۆرمەتلىك ئۇستاز رەھمەتلىك زەينەپ ئابدۇل خانىم تەرپىدىن ۋۇجۇتقا چىققان ئۇشبۇ <<بوستان بالىلار باغچىسى>>لا قالدى. بىر زامانلار دەۋىر سۈرگەن << ئەسىر يۇلتۇزى>> تەربىيىلەش مەركىزى باشقا ساھەلەردە تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزلەپ كەتتى. ھازىر بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىزدىن ھارماي تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتقان << ئىقبال تەربىيلەش مەركىزى>>، << ئون ئىككى تاغ تىل تەربىيىلەش مەركىزى>> قاتارلىقلار قالدى...10 تۈمەندىن ئارتۇق ئۇيغۇر نوپۇسى بار بىر شەھەرگە بۇ 2-3 تال ئورۇن ئازلىق قىلامدۇ نىمە؟! مەن دائىم شۇنداق ئويلاپ قالىمەن...ئەگەر ئاشۇ << بوستان بالىلار باغچىسى >> بولمىغان بولسا، قانداق بولاتتى...قۇرۇلغىلى 20 يىلدىن ئاشقان بۇ مەرىپەت بوستانلىقى ئۆز خەلقىنىڭ ئەۋلاد تەربىيەسى ئۈچۈن قانچىلىغان بەدەللەرنى تۆلىگەندۇ؟! ئۆزەم پائالىيەتچان كىشى بولغاچقىمۇ نۇرغۇن ساھادىكى كىشىلەر بىلەن تونۇشىمەن، ئەلۋەتتە، رەھمەتلىك زەينەپ ئابدۇل خانىم بىلەنمۇ تونۇشاتتىم، قايسى بىر يىلى ئۇ ماڭا، - بالام، مەن ئۆزەم بىر پىشقەدەم مائارىپچى بۇ يەسلىنى قۇرۇپ چىققۇچە ئاز بولمىغان جاپا-مۇشەقەتلەرنى تارتتىم. بىراق، مەن تارتقان مۇشەقەتلىرىم توغرىسىدا ھېچكىمگە ۋايساپ باققىنىم يوق! ئۈمىدىم، يەسلەم ئارقىلىق خەلقىمگە ئازراق بولسىمۇ پايدا مەنپەت يەتكۈزۈش...بۇندىن ئۆزگە يەنە نىمە ئارمانىم بولسۇن! دېگەن ئىدى. بىر ئۆمۈر ئۆز مىللىتىنىڭ مائارىپى ئۈچۈن شام-چىراقتەك يېنىپ تۈگەپ كەتكەن بۇ ئۇستازنى ھېلىھەم ئەسلەپ تۇرىمەن ۋە ئۇنىڭ بۈيۈك ئارمانىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان پەرزەنىتلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.
بىر مىللەتنىڭ ياكى بىر يۇرتنىڭ تارىخىدا ئەنە ئاشۇنداق مەرىپەتسۆيەر شەخىسلەرنىڭ بولىشى ئاشۇ مىللەت ۋە ئاشۇ يۇرت كىشىلىرىنىڭ بەخىت-تەلىيىدۇر! << بوستان>> بالىلار باغچىسى قانچىلىغان سەبىيلەر ئۈچۈن تۇنجى بىلىم-مەرىپەت بۇلىقى بولدى؟! قانچىلىغان ئىز باسار ئەۋلادلار ئىلىم-ھېكمەت<<بوستان>>لىقىمىزدا تەربىيىلىنىپ قاتارغا قوشۇلدى...بەلكىم بۇ سانلارنى مەن ۋە سىز بىلىپ كېتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. بىراق، شۇنىسى ماڭا ئىنتايىن ئايدىڭ! << بوستان>>نىڭ ھارماس ئىزباسارلىرى ھەقىقەتەنمۇ قومۇل مائارىپى ئۈچۈن تۆپە قوشقان تۆھپىكارلارنىڭ قاتارىدا مەڭگۈ سانىلىشى كېرەك. بىزدە << ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ>>دەيدىغان بىر دانالار سۆزى بار. ئۇنداقتا، بالىلىرىمىزنى تەربىيلىگەن ئۇستازلار ئاتىلىرىمىزدىن ئۇلۇغ ئورۇندا سانالسا ھەقلىقمۇ؟! ئەلۋەتتە ھەقلىق. بۈيۈك مۇتەپپەككۈر، تىلشوناس، پەيلاسوپ، ئالىم بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ مۇنداق بىر جۈملە ھېكمىتىنى مەن بەك ياقتۇرىمەن:
جاھاندا ئىككى تۈرلۈك كىشى كىشى سانىلۇر،
بىرى ئۆگەتكۈچى يەنە بىرى ئۆگەنگۈچىدۇر.
بۇ ھېكمەتتىن نىمىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ؟!بىلىمنىڭ ئۇلۇغىنى، كەلگۈسىنىڭ ئۇلىنى ۋە ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى تۇنجى ساۋاتنى پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ قەلبىگە دەل ئاشۇ سەبىي بالىلىرىمىزغا<< ئېلىپبە>> ئۆتكەن ئۇستازلار سالغان بولىدۇ. ئۆگەنمىگەن، ئۆگۈتەلمىگەن كىشى مەڭگۈ كىشى سانالمايدۇ، شۇڭا بىز ئۆگەتكۈچىلەرنى قوللايلى ۋە ھۆرمەتلەيلى! ئۆگەنچۈچىلەرگە كۆڭلىمىزدىكىدەك، كۆڭلىدىكىدەك تەربىيلىنىش، ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرەيلى... ھازىرقى كۈنلەردە دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا، دۆلەتنىڭ قانۇن-پەرمانلىرىغا ماسلاشقان ھالدا مائارىپلىرىمىز ئىسلاھ بولۇپ << قوش تىل مائارىپى>> يولغا قويۇلىۋاتىدۇ. ھەتتا يەسلىلەرمۇ << قوش تىل >> بولۇپ كەتتى. ئۇزۇن يىللىق كۈزىتىشىم ۋە بىر قىسىم تارىخى ساۋاقلارنىڭ يەكۈنىدىن شۇنى خۇلاسىلىدىمكى، ئۆز ئانا تىلىدا تىلى چىقمىغان، ئۆز ئانا تىلىدا تەپەككۈر قىلىشنى بىلمەيىدىغان پەرزەنىت ھەرگىزمۇ ياراملىق كىشى بولۇپ چىقالمايدۇ. بۇ تەرپىنى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. << بوستان>> دەل موشۇ نۇقتىنى تۇتقا قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەۋلاد تەربىيلەش نىشانىغا، - ئانا تىلنى ئاساس، خەنزۇ تىلىنى مۇھىم، ئىنگىلىز تىلىنى قوشۇمچە قىلىش نىزامىنى بايراق قىلغان ئىدى. نەتىجىدە، بۇ يەردە تەبىيلەنگەن تەلەيلىك غۇنچىلارنىڭ ئانا تىلى ئىنتايىن راۋان چىقتى، خەنزۇچىدىنمۇ ئاساس سېلىۋالدى...نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆز يۈرەك پارىلىرىنى << بوستان>> بەرگەنلىكىدىن سۆيۈندى.
بۈگۈن يەنى 2011-يىلى9-ئاينىڭ30-كۈنى << بوستان >> بالىلار باغچىسىنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بىر بولمىش دوستۇم تۇرسۇنجان مۇئەللىم ماڭا تېلېفۇن قىلىپ چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 2 دە، << بوستان>> بالىلار كۆركى پائالىيتى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن دەل ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىدىم. پائالىيەت مەزمونى تولىمۇ ئەتىراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بىر بىرىدىن ئوماق، پاكىزە بالىلار تەكلىپ بىلەن كەلگەن ئاتا-ئانا، بوۋا - مومىلىرىغا تۈرلۈك مەزموندىكى قىزىقارلىق ئويۇنلارنى قويۇپ بەردى، تېخى ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ چاي تۇتتى. ئاخىرىدا ئاتا-ئانىلاردىن پىكىر ئالغاندا، ئاتا-ئانىلارمۇ ئىنتايىن پايدىلىق تەكلىپ- پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. دېمىسىمۇ، <<بوستان>> مانا مۇشۇنداق ئاشكارە بولىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىپ مەنمۇ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. بولۇپمۇ سەبىيلەرنىڭ خوشاللىق پاتماي قالغان نۇرلۇق كۆزلىرىگە قاراپ ئالەمچە شاتلاندىم. چۈنكى، بالىلىرىمىزنىڭ شاتلىقى بىزنىڭ شاتلىقىمىز، ئۇلارنىڭ قايغۇسى بىزنىڭ قايغۇمىزدۇر! بىلىم بار يەردە بەخىت بولىدۇكى، ھەرگىز قايغۇ-ھەسرەت بولمايدۇ! بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيىلەش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز! نادانلىق بىزدىن ئەبەدىيلىك يىراققا كەتسۇن...
شۇ پائالىيەتتە، بىر دادا پىكىر سۇنۇپ:- بالىلار پائالىيەت ئۆيىگە گىلەم سېلىپ بېرەيلى، بۇ بىخەتەرلىك ئۈچۈن، دەرس ئۆتۈشكەبەك ئېسىلىۋالماي، ئويۇن بىلەن ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللانساقمىكىن، تاپشۇرۇق بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق بالىلىرىمىز مۇشتۇمچىلىك تۇرۇپ بەك بېسىمدا قالمىسۇن، دەپ پىكىر بەردى. بۇ دادىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئىلگىرى مەن بوستان ھەققىدە ئاڭلىغان بىر قىسىم گەپلەرنى ئەسلەپ قالدىم. ھەممىمىزگە ئايان << بوستان>> ھەققىدە پىتنىلەرمۇ تولا! ئاشۇ پىتنە تارقاتقانلار بىرەر بالىنى ئوڭشاپ تەربىيىلەپ كېتەلىشى ناتايىن. كىشىلەر دائىم، - بوستاننىڭ تامىقى ناچاركەن، تۈرى ئازكەن، دەپ ۋايسىغىنىنى ئاڭلايمەن. يەنە بەزىلەر ئۇ يەرنىڭ تازلىقى ناچاركەن، كۆلىمى كىچىككەن دەپ قۇسۇر ئىزلەيدۇ. يەنە كىملەردۇر، بالىلارنى ياخشى تەربىيىلىمەيدىكەن، تاپشۇرقنى ئاز بېرىدىكەن...دەپ رەنجىيدۇ. بۇ گەپلەر تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك بولماي نىمە؟! ھە! قېنى سىزدىن سوراپ باقاي، سىز بالىڭىزنى ئېكىس يەسلىگە بەردىڭىز؟ سىز ئۇلاردىن تاماقنى كىم قىلىدۇ؟ پىچىنىنى نەدىن ئەكەلدىڭ؟ ئۆرپ-ئادىتىمىزگە ئۇيغۇنمۇ؟ دەپ سوراپ باقتىڭىزمۇ؟! يەنە ، سىزدىنمۇ سوراپ باقاي، سىز بالىڭىزنى بەرگەن ئىگىرىك يەسلىسى شۇنداق ئازادە،چوڭمىكەن؟! ئۇلار بالىلىرىمىزنى ئالىي، ئوتتۇرا، ئادەتتىكى دەپ دەرىجىگە ئايرىپ، يانچۇقىڭىزنىڭ توملىقىغا قاراپ مۇئامىلە قىلمىدىمۇ؟! ئاشۇ يەسلىلەرگە تۈركۈملەپ تىزىملىتىۋاتقان ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ تۆلىگەن پۇللىرى ئەلۋەتتە، ئۇ يەسلىلەرنى يىلدا بىر نەچچە قېتىم بېزەشكە يىتىپ ئېشىپ قالىدۇ، بۇنى بىلمەمسىز؟! ياخشى ئۆگەتمەيدىكەن، تاپشۇرۇقنى ئاز بېرىدىكەنيەي دېگەن سىزدىن سوراي، سىز بالىڭىزنى بەرگەن يەسلىدە، بالىڭىزنىڭ مۈگىدەپ ئولتۇرغىنىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟! بالىڭىز ئۆيگە ئەكەلگەن تاپشۇرۇقلىرىنى بەزىدە تېخى سىزمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەنسىز؟! بويى بىلەن تەڭ، ئۆزىدىنمۇ ئېغىر سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ باقتىڭىزمۇ؟! بالىڭىز بىلىپ قانچىلىك بولالىدى؟!...بالىڭىز سىز كىچىكىڭىزدە ئاڭلاپ چۈشىنىپ چوڭ بولغان چۆچەك ، قوشاقلارنى چۈشىنەلەمدۇ؟!...ئۆز مىللىتىنىڭ چۆچەكلىرىدىن خەۋەرسىز قالغان بالا نىمە دېگەن تەلەيسىز ھە! بولدىلا تولا ۋايساشنىڭ ئورنى يوق! بىزگە ھازىرچە كىچىك ئەرزىمەس كۆرۈنىۋاتقان ھەقىقەتلەرنى كېيىن چۈشەنگىنىمىزدە پۇشايمانغا قاچا تاپالماي قالمايلى...
ئاخىرىدا ئوقۇرمەنلەرگە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قۇلىقىغا يات بولۇپ كەتكەن مۇنۇ ھېكمەتلىك شوئارنى سوۋغا قىلماقچىمەن. ئاڭلاڭ! بىر، ئىككى، ئۈچ ئىتتىپاقلىق كۈچ!
<< بوستان >> بالىلار باغچىسىدىكى بىر مۇئەللىمدىن سورىسام ھازىر بۇ يەردە ئوقۇۋاتقان بالىلار يۈزگە يېقىن ئىكەن. بىلىشىمچە بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان << بوستان>>غا كېلىدىغان سەبىيلەرنىڭ سانى يىل سېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ. بۇ بىر ياخشى باشلىنىش. ھەر قېتىم دوستۇم تۇرسۇنجان بىلەن بۇ ئەڭ ئاخىرقى گۈزەل بوستانلىق ھەققىدە سۆھبەتلەشكىنىمدە بىر خىل ھاياجان قەلبىمنى چۇلغۇيدۇ. ئۇنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى غەلبىلىرىنى ئاڭلىسام خوشال بولىمەن...ئۇ مەرىپەت ئوچىقى ھەققىدىكى پىتنىلەرنى ئاڭلىسام غەزەپلىنىمەن! بىر مەكتەپنىڭ كۆپىيىشى بىر تۈرمىنىڭ ئازايغانلىقىنىڭ بىشارىتى! بىر سىنىپنىڭ كۆپىيىشى بەلكىم بىر كامىرنىڭ ئازايغانلىقى بىلەن باراۋەر دېسەك ئارتۇقچە كەتمەس...
خۇلاسە كالام:-ئەڭ ئاخىرقى بوستانلىقتىكى ئەۋلادلار سىزنى كۈتمەكتە! ئەڭ ئاخىرقى بوستانلىقتىكى ئوت يۈرەك ئۇستازلار سىزلەرگە سالام يوللايدۇ...
[ بۇ يازمىنىsebirدە2011-10-04 17:06قايتا تەھرىرلىدى ]