بۇ تېما ھەقىقەتەن مېنى قىزىقتۇردى ، تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ، شۇنچە يىل مائارىپ بىلەن شوغۇللىنىپ تۇرۇپ ، كۆز ئالدىمدا تۇرغان بۇ « بوستان » نىڭ تەرەققىياتىغا ، ئەمىلىي ئەھۋالىغا قىزىقىپ كەتمىگەنلىكىمدىن ، ئۆزەم ئىشلەۋاتقان مەكتەپلىرىمىز يەسلىسى ۋە شەھرىمىزدىكى نۇقتىلىق يەسلىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى مائارىپى توغرىسىدا ئاددى پىكىر يۈرگۇزۇپ ، يېنىمدىلا ئەمىلىي خىزمەت ئىشلەۋاتقان ، مىللى مائارىپىمىزغا ئۈنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان بۇ گۇلزارلىققا سەل قارىغىنىمدىن قاتتىق ئۇيالدىم ...
ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستازىمىز مەرھۈم زەينەپخان ئاچىمىز ھايات ۋاقىتلىرىدا 99، 2000- يىللىرى بۇ مەرىپەت باغچىسىدا «خەنزوتىلى»، « ئېنگىلىزتىلى» كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ خېلى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغانتىم ، بىراق خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىدىنمۇ ياكى ئۆزەمنىڭ ئىرادەمنىڭ ئاجىزلىقىدىنمۇ بۇ خىل تەربىيلىنىشلەرگە ۋاقىت ئاجىرتالمىدىم ، شۇ مەزگىللەردە زەينەپخان ئاچام بىلەن خېلى چوڭقۇر مۇڭداشقانلىقىم ئېسىمدە .
ھازىر پەرزەنتلىرى بىرلىكتە بۇ بوستانلىقتا توختاۋسىز ئەمگەك قىلىۋاتىدۇ ، بولۇپمۇ تۇرسۇنجان ئائىلىسىدىكى بىردىنبىر مائارىپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ بوستانلىقنىڭ يېڭى - يېڭى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرىۋاتىدۇ ، سىرتتىكى خىزمىتىم ئاخىرلىشىپ يۇرتقا قايتقاندا چوقۇم بۇ دوستىمىزغا ياخشىراق ياردەمدە بولاي دەۋاتىمەن ...
تۇرسۇنجان ، سېنى پات - پاتلا خىزمەتكە كېچىكىپ قالىدۇ ، جىددى ۋاقىتلاردا تاپقىلى بولمايدۇ ، تاپشۇرغان ۋەزىپىنىغۇ بەك ياخشى ئورۇنلايدۇ بولمىسا ، دەپ ئاچچىقلاپ يۈرۈپتىمەن...، ھېلىقى بىر نەچچە قېتىم « يەسلىنىڭ تۇرۇبا يولىنى رىمۇنت قىلدۇرماقچىدىم ، ئۆستەڭ بويىدا پائالىيەت ئورنى تەييارلىماقچىدىم ...» دىگەندەك سەۋەبلەر بىلەن « جىددى ۋاقىت » لاردا رۇخسەت سوراپ ئاچچىقىمنى كەلتۈرگىنىڭ ئېسىڭدىمۇ ؟ ، بالدۇرراق تەپسىلى مۇڭداشساق ، ئۇنداق چاغلاردا ساڭا ئوقۇتقۇچىلارنى ياردەمگە ئەۋەتەتتىم ئەمەسمۇ ؟